ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سادىر ئىرانغا قايتىپ كەتتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: .ئايگۇل
ئىراق شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدى ئەل سادىر ئىراقتا بىر قاتار سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىرانغا قايتىپ كەتكەن. سادىر ئىشخانىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ياردەمچىسى: سادىر راستىنلا ئىرانغا قايتىپ كەتتى دېگەن. سادىرنىڭ ئى
  


ئىراق شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەھبىرى مۇقتەدى ئەل سادىر ئىراقتا بىر قاتار سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىرانغا قايتىپ كەتكەن.
سادىر ئىشخانىسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ياردەمچىسى:« سادىر راستىنلا ئىرانغا قايتىپ كەتتى » دېگەن.
سادىرنىڭ ئىرانغا قىسقا ۋاقىتلىق قايتىپ كەتكەنلىكى ياكى ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالماقچى بولغانلىقى نۆۋەتتە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
سادىرنىڭ مەھدى ئارمىيىسىدىكى بىر سابىق خادىم سادىرنىڭ ئىرانغا قايتىشى خوشاللىق ھەم ھەيران قالارلىق ئىش دېگەن، يەنە بىر ئادىمى سادىرنى تېزلا قايتىپ كېلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان.
ئىراندا 3 يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن سادىر ئىراندىن 5-يانۋار قايتىپ كېلىپ سىياسىي داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
بۇلتۇرقى سايلامدا سادىرنىڭ تەشكىلاتى پارلامېنتتا 39 ئورۇنغا ئېرىشىپ كۈچلۈك سىياسىي كۈچكە ئايلانغان ھەمدە ئىراق باش مىنىستىرى مالىكىنىڭ ۋەزىپىگە قايتا ئولتۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئىدى.
سادىر ئىراققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق ئاشكارا يىغىلىشتا، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنى چېكىندۈرۈش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلغان ئىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!