ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنىچلىق سۆھبىتىگە ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلەر ئاشكارلاندى

2011-يىلى01-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تىنىچلىق سۆھبىتى بەزىدە ئۈزۈلۈپ بەزىدە داۋاملىشىپ كەلدى، پەلەستىن تەرەپ شەرقىي قۇددۇس(شەرقىي ئېرۇسالىم) دىكى يەھۇدىيلار مۇستەملىكە رايونى مەسىلىسىدە قىلچىمۇ يول قويمىدى، ئىككى تەرەپنىڭ يېشىلمەس تۈگۈنى نەچچە 10 يىل ھەل بولمىدى. ق
  


پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە تىنىچلىق سۆھبىتى بەزىدە ئۈزۈلۈپ بەزىدە داۋاملىشىپ كەلدى، پەلەستىن تەرەپ شەرقىي قۇددۇس(شەرقىي ئېرۇسالىم) دىكى يەھۇدىيلار مۇستەملىكە رايونى مەسىلىسىدە قىلچىمۇ يول قويمىدى، ئىككى تەرەپنىڭ يېشىلمەس تۈگۈنى نەچچە 10 يىل ھەل بولمىدى. قاتار يېرىم ئارال تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 24-يانۋار كەچ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنىچلىق سۆھبىتىگە ئالاقىدار 1600 پارچە مەخپىي ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى، ئوتتۇرا شەرق تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە پەلەستىننىڭ تىنىچلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يول قويۇش ئارقىلىق، شەرقىي ئېرۇسالىمنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىسرائىلىيەگە بۆلۈپ بېرىشكە قوشۇلغان. ۋەقە پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئەرەب دۇنياسىنى چۆچۈتكەن.
قاتار يېرىم ئارال تېلىۋىزىيىسى 24-يانۋار كەچ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار 1600 پارچە « پەلەستىن ھۆججەتلىرى » نى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، 1999-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يازما ئالاقە خەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خەۋەردە بۇ ھۆججەتلەرنىڭ پەلەستىن تەرەپتىن كەلگەنلىكى دېيىلگەن، قاتار يېرىم ئارال تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 24-يانۋار تۇنجى تۈركۈم 1600 پارچە ھۆججەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارلىغان.
يېقىندا، ئىسرائىلىيە پەلەستىن زېمىنىدا يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى توختىتىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ئوتتۇرا شەرق سۆھبىتى توختاپ قالغان ئىدى. قاتار يېرىم ئارال تېلىۋىزىيىس(ئەل-جەزىرە)ىنىڭ دېيىشىچە، 2008-يىلى 5-ئايدا، شۇ چاغدىكى پەلەستىن تەرەپ سۆھبەت ۋەكىلى قۇراي ئەڭ ئاخىرقى تىنىچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ خوما تېغىدىن سىرت شەرقىي ئېرۇسالىمدىكى باشقا يەھۇدىيلار ئولتۇراق نۇقتىلىرى رايونلىرىنى يۇتۇپ كېتىشىگە ماقۇل بولغان. بۇ يول قويۇش 2008-يىلى 6-ئايدا ئېرۇسالىمدىكى سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىبى رايىس، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق مىنىستىرى لىۋنى ۋەپەلەستىننىڭ سابىق باش مىنىستىرى قۇراي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

6 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇساپىر بولۇپ يۈرمەكتە
مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى نەقىل قىلغان خەۋەردە، قۇراي :« بۇ بىزنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىشىمىز » دېگەن. بۇ 2000-يىلدىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنىچلىق سۆھبىتىدىكى يول قويۇشتىن تېخىمۇ چوڭ ئىكەن. بىراق، پەلەستىن كېسىپ بېرىشكە ماقۇل بولمىغان جايلار خوما تېغى ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى يەھۇدىيلار ئولتۇراق رايونى ئىكەن.
ھۆججەتتە ئاشكارلىنىشىچە، ئەينى چاغدىكى پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى يەنە ئېرۇسالىمدىكى توقۇنۇش پات-پات يۈز بېرىدىغان ئەرەبلەر شەيخ جېرا رايونىنى ئىسرائىلىيە بىلەن باشقا جايغا ئالماشتۇرماقچى بولغان. پەلەستىن تەرەپ يەنە خەلقئارا كومىتىت قۇرۇپ، ئىسلام دىنىدىكى ئۈچۈنچى مۇقەددەس جاي قۇددۇس شەرىفنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھۆججەتتە يەنە پەلەستىن تەرەپ ئىسرائىلىيە بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، كەلگۈسى 10 يىلدا قايتۇرۇپ كېلىدىغان پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى 100 ئادەم دائىرىدە بولۇش چەكلىمىسىگە قوشۇلغان، لېكىن 6 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇساپىر بولۇپ يۈرمەكتە.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!