جۇڭگو ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى دىققەتنى تارتىۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ B-2 بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان ئېنژىنېر گوۋادىيا(Noshir Gowadia) جۇڭگوغا ھەربىي يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ جىنايىتى تۇرغۇزۇلغان، ئامېرىكا فېدراتسىيە سوتى شۇ جاي ۋاقتى 24-يانۋار ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئاخىرقى بايانلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، گوۋادىياغا ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
66 ياشلىق ھىندىستان مۇھاجىرلىرىدىن بولغان گوۋادىيا جۇڭگوغا ھەربىي يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسى ساتتى ھەمدە جۇڭگودىن ئاز دېگەندە 110 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالدى دەپ ئەيىبلەنگەن.
تەپتىش ئەمەلدارى ئۇنى 2003-يىلى جۇڭگونىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە جۇڭگوغا رادارغا چۈشمەيدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا لاھىيىسىنى تونۇشتۇردى ۋە نامايەن قىلدى، جۇڭگوغا يادرەملىشىپ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە رادىئاتسىيىسىلىك پۈركۈگۈچ لاھىيلىگەن، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئېنفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق يېتەكلىنىدىغان ھاۋادىن ھاۋا قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن يوشۇرۇنالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلغان دەپ كۆرسەتكەن.
گوۋادىيا سۈيقەست پىلانلاش، قورال-ياراغ ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش، باجدىن قېچىش ۋە پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، يۇقىرى بولغاندا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا دۇچ كەلگەن. باش سوت ئەمەلدارى 24-يانۋار ئاقلىغۇچ ۋە ئەيىبلىگۈچى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. گوۋادىيەنىڭمۇ ئەڭ ئاخىرقى بايانىنى سۆزلەش پۇرسىتى بار ئىكەن.
گوۋانىيا 1968-يىلدىن 1986-يىلغىچە، B-2 بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئىتتىرىش سېستىمىسىنى لاھىيلەشكە ياردەملەشكەن، 2005-يىلى قولغا ئېلىنغان، 2010-يىلى 8-ئايدا جىنايىتى بېكىتىلگەن. ئۇنىڭ ئاۋدوكاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، گوۋادىيانىڭ جۇڭگوغا كۆرسەتكەن لاھىيە ئاشكارا مەسلىھەت بېرىش ھەم مەخپىي ماتىرىيال ئەمەس ئىكەن.
نوشىر گوۋادىيا
يېقىندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، جۇڭگو ھەربىي تەرەپ چېڭدۇدا 4-ئەۋلاد قىرغۇچى-20 رادارغا چۈشمەس ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۇچۇش سىنىقى قىلغان، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان، ئەمما مۆلچەرلىنىشچە، قىرغۇچى-20 ئايروپىلانى بىلەن بۇ قېتىمقى مەخپىيەتلىك ئاشكارلىنىش مۇناسىۋەتسىز ئىكەن.