
رۇسىيەگە زىيارەتكە بارغان فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ‹‹غەربىي شىمال شامىلى›› دەرىجىلىك قوش ماكانلىق (ھەم قۇرۇقلۇقتا، ھەم سۇدا يۈرەلەيدىغان) ئۇرۇش پاراخوتى

فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ‹‹غەربىي شىمال شامىلى›› دەرىجىلىك قوش ماكانلىق ھۇجۇم پاراخوتى
شىنخۇا تورى، پارژ، 25 – يانۋار تېلېگراممىسى: فىرانسىيە – رۇسىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى 25 – يانۋار فىرانسىيەنىڭ غەربىدىكى پورت شەھىرى ساينت نازايردا كېلىشىم ئىمزالاپ، ھەمكارلىشىپ رۇسىيەگە ‹‹غەربىي شىمال شامىلى›› دەرىجىلىك قوش ماكانلىق ھۇجۇم پاراخوتىدىن تۆتنى ياساش قارار قىلدى، بۇ پاراخوتلارنىڭ ئىككىسى رۇسىيەدە، ئىككىسى فىرانسىيەدە ياسىلىدۇ.
25 – يانۋار، فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى Alain Juppe بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى Igor Sechin ئۆز ھۆكۈمەتلىرىگە ۋاكالىتەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى ئورتاق ھەمكارلىشىپ، فىرانسىيەدە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۈچۈن ‹‹غەربىي شىمال شامىلى›› دەرىجىلىك قوش ماكانلىق ھۇجۇم پاراخوتىدىن ئىككىنى ياساش، رۇسىيەدە قالقان ئىككىسىنى ياساشقا ۋەدە بېرىشتى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كېلىشىم ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ تۈر فىرانسىيە – رۇسىيە ئىككى دۆلەتتە زور ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدۇ ھەمدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى كېلەچىكىنى بەرپا قىلىدۇ.
‹‹غەربىي شىمال شامىلى›› دەرىجىلىك قوش ماكانلىق ھۇجۇم پاراخوتىنىڭ سۇ چىقىرىۋېتىش مىقدارى 21 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 200 مېتىر كېلىدۇ. بىرلا ۋاقىتتا يىراق مۇساپىگە ئەسكىرىي كۈچ يەتكۈزۈش ۋە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان ئانا پاراخوتىغا تەڭ دېگۈدەك كېلىدۇ، تىك ئۇچار ئايروپىلان، سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا يۈرەلەيدىغان قوش ماكانلىق بىرونېۋىك، تانكا قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى قورال – ياراغ ۋە 900 نەپەر ئەسكەرنى توشۇغىلى بولىدۇ. ئۇ فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 2 – چوڭ ئۇرۇش پاراخوتى. بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتنىڭ تۇنجى قېتىم رۇسىيەگە مۇشۇنداق دەرىجىلىك ئىلغار قورال – ياراغ سېتىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.