ياپونىيە « توكيو خەۋەرلىرى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى، كاۋاساكى ئېغىر سانائىتى ۋە ئىشكاۋا ئارىلى خارىما ئېغىر سانائەت كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيە ماشىنسازلىق بىرلەشمىسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە دوكلات سۇنۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ « قورال ئېكىسپورتىدىكى ئۈچ پىرىنسىپ » سىياسىتىنى بوشىتىشنى يەنە ئويلىشىپ كۆرۈش تەكلىپىنى بەرگەن. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر خەلقئارالىق ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ھەربىي ترانسىپورت ئايروپىلانى قاتارلىق ئىلغار مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە ئىگە بولغان. ئەمما، ياپونىيە ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان ۋە ئاز ساندا ئىشلەپ چىقارغان مۇرەككەپ ۋە قىممەت قورال-ياراغلىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولغان ھەمدە دەل ۋاقتىدا، مۇۋاپىق باھادا ئېھتىياجلىق قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىش ناھايىتى تەس بولغان. شۇڭا، قورال-ياراغ سانائىتىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يۈزلىنىش بولۇپ قالغان.
دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ياپونىيەنىڭ بەلگىلىك ھەربىي سانائەت تېخنىكىسىنى ئېكىسپورت قىلشقا رۇخسەت قىلىنسا، ئۇنداقتا ياپونىيە كېمىسازلىق سانائىتى يەر شارى پاراخوت بازىرىنىڭ %60 نى كونترول قىلىشتا، ياپونىيە ئېلىكترون سانائىتى يەر شارى ھەربىي ئېلكترون بازىرىنىڭ %40 نى، ئاۋىئاتسىيە سانائىتى بازىرىنى %25 نى ئىگەللەشتە ئۈمۈد بار ئىكەن.
نائوتو كان ھۆكۈمىتى ئەسلىدە 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى « مۇداپىئە پىلانى پروگىراممىسى » ئارقىلىق « قورال ئېكىسپورتىدىكى ئۈچ پىرىنسىپ » سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان، ئەمما بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. شۇڭا، قوللاش نىسبىتى تۇراقسىز بولغان نائوتو كان ھۆكۈمىتى ئۆزگەرتىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە باشلىغان.