مانېۋىرنىڭ كۆلىمى كورىيە - ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ‹‹ۋاشىنگتون›› ناملىق ئاۋىياماتكىسى
‹‹كورىيە ئىقتىسادىي›› نىڭ ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە ، ياپونىيە - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت 3 - دېكابىردىن باشلاپ ياپونىيە ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ شەرقىدە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن ، ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسىمۇ مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن ، مانېۋىر كۆلىمى يېڭىلا ئاياغلاشقان كورىيە - ئامېرىكا خۇاڭخەي دېڭىزى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن .
مانېۋىرنىڭ كۆلىمى كورىيە - ئامېرىكا ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر
‹‹ياپونىيە ئىقتىسادىي خەۋەرلىرى›› نىڭ 2 - دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرغا ياپونىيە قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 34 مىڭ 100 نەپەر ئوفىتسېر - ئەسكىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ 10 مىڭ 400 نەچچە ئوفىتسېر ئەسكىرى قاتنىشىدىكەن. مانېۋىر كۆلىمى يېڭىلا ئاياغلاشقان كورىيە - ئامېرىكا خۇاڭخەي دېڭىزى ھەربىي مانېۋىرىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، ياپونىيە - ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ھېسابلىنىدىكەن .
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى : بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىردا ياپونىيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللار تەقلىد قىلىنىپ ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلىدۇ ، ياپونىيە دېڭىز ئۈستى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ Aegis ھەربىي پاراخوتى مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ مەقسىتى چاۋشيەننى ئىسكەنجىگە ئېلىش .
خەۋەردە ئامېرىكا 7 - پاراخوت ئەترىتى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى : ئامېرىكا ، ياپونىيە ۋە كورىيە بىلەن داۋاملىق قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ھەرقانداق ئەھۋالغا يېتەرلىك تاقابىل تۇرالايدىغان ھالەتنى ساقلايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ ياپونىيە ئەتراپىدا ياپونىيە دېڭىز ئۈستى مۇھاپىزەت ئەترىتى بىلەن داۋاملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنىڭ يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
‹‹ۋاشىنگتون›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى پاراخوت ئايروپىلانى ئېتىلما بۆلمىدىن ئۇچماقتا
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ۋاشىنگتون›› ناملىق ئاۋىياماتكىسى ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن، كورىيەمۇ تۇنجى قېتىم كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتى بىلەن مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن .

28 - نويابىر، كورىيە پايتەختى سىئولنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 170 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىز ساھىلىدا، كورىيە ئەسكەرلىرى قۇرۇقلۇققا چىقىش مانېۋىرىدىن ئىلگىرىكى مەشىققە قاتناشماقتا. كورىيە بىلەن ئامېرىكا شۇ كۈندىن باشلاپ كورىيەنىڭ غەربىدىكى دېڭىز رايونى (خۇاڭخەي) دا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر تۆت كۈن داۋاملاشتى .

2010 - يىلى 29 - نويابىر، ئامېرىكا - كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 2 - كۈنىگە قەدەم قويدى، ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى ھەربىي مانېۋىر پىلانى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاچقا، كورىيە ئەسكەرلىرى ئۇرۇش لازىمەتلىكلىرىنى يىغىشتۇردى