ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كورىيە بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى تازا ‹‹ قىزىۋاتقان ›› ۋاقىتتا ، ياپونىيەمۇ 3 ــ دېكابىردىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2010-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
      كورىيە زۇڭتۇڭى لى مېڭباك 29–نويابىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ يەنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىسىدىكى زۇڭتۇڭ سۆھبىتى ›› دە چاۋشيەننىڭ ‹‹ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدىكى ھەربىي قۇتراتقۇلۇقى ›› ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ؛ ئەكسىچە چ
  

  

   كورىيە زۇڭتۇڭى لى مېڭباك 29–نويابىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ يەنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسى توغرىسىدىكى زۇڭتۇڭ سۆھبىتى ›› دە چاۋشيەننىڭ ‹‹ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدىكى ھەربىي قۇتراتقۇلۇقى ›› ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ؛ ئەكسىچە چاۋشيەن تەرەپمۇ ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ چاۋشيەن ئۈچۈن يېڭى بىر ئېغىر بولغان ھەربىي قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .

   لى مېڭباك مۇنداق دېدى : پۇقرالارغا ھەربىي ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇش ۋاقتىدىمۇ قاتتىق چەكلىنەتتى . ئۇ نۆۋەتتە چاۋشيەننىڭ ھەربىي تەۋەككۈلچىلىكى ھەمدە يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشىدىن بەك ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ مۇنداق دېدى : بۇگۈندىن باشلاپ ، ھۆكۈمەت ھەقىقىي تۈردە ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ ، ھەر قانداق ھەربىي قۇتراتقۇلۇققا نىسبەتەن ، غەربىي دېڭىزدىكى بەش ئارالنى قوغدايدۇ . ھۆكۈمەت پىلانغا ئاساسلىنىپ دۆلەت مۇداپىئەسىنى زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلىدۇ ھەمدە ئەڭ كۈچلۈك بولغان ھەربىي ئارمىيە قۇرۇپ چىقىدۇ .

    يەنە بىر مەلۇماتقا قارىغاندا ، رېن چۈەن شەھىرىنىڭ ۋېڭ جىن ۋىلايىتى 29–نويابىر ، شۇ يەر ۋاقتى 12 دىن باشلاپ ، يەنپىڭ ئارىلىنىڭ رەسمىي چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار رايونى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان . بۇ مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن ، ھەربىي تەرەپ ئالاقىسى يوق كىشىلەرنىڭ ئارالغا كىرىشىنى چەكلەيدىكەن ۋە بۇ يەردىن ئايرىلىشقا بۇيرۇيدىكەن .

    كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ كورىيەنىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 29–نويابىر ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى . چاۋشيەن ئاخبارات ۋاستىلىرى شۇ كۈنى ئوبزور ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ‹‹ يېڭى ھەربىي قۇتراتقۇلۇق ›› دەپ قارىدى .

    ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 1–دېكابىر ئاياغلىشىدىغان بولۇپ ، 3–دېكابىردىن باشلاپ ، ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئارمىيەسى ئامېرىكا بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن . بۇ ۋاقىتتا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن 44 مىڭ ئەسكىرى مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن ، ئامېرىكىنىڭ ‹‹ ۋاشېنگىتون ›› ناملىق ئاۋىياماتكىسىمۇ ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن .

    ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ئۆز ئارا توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدىن كېيىن ، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئارمىيەسىنىڭ رايونلار ۋەزىيىتى ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ، دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش ئارمىيەسىنىڭ چارلاش كېمىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ، قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات يىغقۇچى خادىملارنىڭ سانىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېيتقان . 

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!