3–دېكابىر ، ئوباما تۇيۇقسىز ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 3–دېكابىر كەچتە تۇيۇقسىز ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولۇپ ، ئامېرىكا ئارمىيەسنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىر بازىسىدا سۆز قىلىپ ، ئارقىدىنلا ئافغانىستاننىڭ زۇڭتۇڭى كارزائى بىلەن بولغان ئۇچرىشىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان .
تەھلىلچىلەر : ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى ‹‹ چاقماق›› تەك زىيارىتى ، روژدېستۋو بايرىمىدىن ئىلگىرى ‹‹ئارمىيەگە زىياپەت بېرىپ ئىلھاملاندۇرۇپ ›› ئارقىدىن چۆچۈتۈپ ، ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈشنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ھازىرلاپ ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ، بۇ بەلكىم تۇيۇقسىز زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن ، دېيىشتى . تەھلىلچىلەر يەنە ، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ‹‹ ئۆچمەنلىك›› نىڭ چوڭقۇرلاشقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى ، دېيىشتى .
ئەسكەر چېكىندۈرۈش تەس
3–دېكابىر ، ئوباما ئامېرىكا ئارمىيە بازىسىدا نۇتۇق سۆزلىمەكتە
3–دېكابىر كەچ ، تەخمىنەن 3850 نەپەر ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكىرى پاگلام ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئوبامانىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى . ئوباما پۈتۈن كۈچى بىلەن ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنى رىغبەتلەندۈرۈپ ، مەدەت بەرگەن بولسىمۇ ، يەنىلا ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ ئاستا ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ئېتراپ قىلدى .
ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلىنىپ ھازىرغىچە توققۇز يىل ئۆتۈپ كەتتى . بىراق ئامېرىكا ئارمىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇ يىل تالاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان بىر يىل بولۇپ ، 467 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئافغانىستاندا قازا قىلدى .
تەھلىلچىلەر : ئامېرىكا بىلەن ش ئا ئە ت ئاسانلا ئەسكەر چېكىندۈردىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، ئەمەلىيەت بۇنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . ئالدى بىلەن ، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدە نۆۋەتتە يەنىلا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىدى ، تالىباننىڭ كۈچى ئەسلىدىكى كونا ئۇۋىسى قەندىھاردىن تەدرىجى ئافغانىستاننىڭ شەرقى ۋە شىمالىغا يامرىدى ، بۇنىڭدىن باشقا ، ئافغانىستان دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن ساقچىلارنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل ، دېيىشتى .
گۇمانىي‹‹ ئۆچمەنلىك›› چوڭقۇرلاشتى
ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ، ئوباما شۇ كۈنى كەچ كارزائى بىلەن ئۇچرىشىشى يىاكى ئېكران ئارقىلىق سۆھبەتلىشىشى كېرەك ئىدى ، بىراق ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە ئۇچرىشىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ، ھەتتا تېلېفوندا سۆھبەتلىشىشمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ ، سەۋەبى ھاۋارايىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە تېخنىكىلىق كاشلا كۆرۈلگەنلىكى بولدى . بۇ ھەرىكەتلەر ئەتراپتىكىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى .
بۇ يىل 3–ئاينىڭ 28–كۈنى ، ئوباما ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئافغانىستاندا زىيارەتتە بولغان بولۇپ ، تۇنجى قېتىمقى زىيارىتىمۇ تۇيۇقسىز بولغان . بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز زىيارىتىدە ، ئوباما كارزائى ھۆكۈمىتىنى چىرىكلىكنى ئىدارە قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە جىددىيلىك پەيدا قىلغان .
يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە ، كارزائى نۇرغۇنلىغان سۇرۇنلاردا ئامېرىكا تەرەپتىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا يولغا قويغان ھەربىي ئىستراتېگىيەسىدىن ، بولۇپمۇ ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تالىباننى تازىلاشتىكى تۇيۇقسىز ھەرىكىتىدە ، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش ، يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن ئاغرىنغان . كارزائى ئامېرىكا ۋە ش ئا ئە ت دىن ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىدە ئافغانىستان خەۋپسىزلىق قىسمى بىلەن ھەمكارلىشىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلغان .
23–نويابىر ، ش ئا ئە ت نىڭ لىسبون ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ، كارزائى كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ش ئا ئە ت ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىردىن باشلاپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە چەت ئەلدە ئارمىيە تۇرغۇزۇشنى ‹‹ قانۇنلاشتۇرۇش››قا قوشۇلدى . ئەگەر چەت ئەلدە ئارمىيە تۇرغۇزۇش ‹‹ قانۇنلاشتۇرۇلسا ›› ، چەت ئەل ئەسكەرلىرى جىنايەت ئۆتكۈزسە ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق .
تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش
تەھلىلچىلەر : ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىكى ‹‹ئىلگىرلىشىنىڭ ئاستا بولۇشى››نى ئېتراپ قىلىشى ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈشنى ئاستىلىتىشقا شارائىت ھازىرلاپ ، ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسىلىسىدە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، دېيىشتى .
ئىگىلىنىشچە ، ئوباما مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ ئاخىرى ئافغانىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە دوكلات تاپشۇرۇۋالىدىكەن . دوكلاتتا ، ئۇ بۇلتۇر 12–ئايدا ئېلان قىلغان ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ ئۈنۈمىگە باھا بېرىلىدىكەن ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىغا تاپشۇرۇلۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشتە ئۈلگە قىلىنىدىكەن . ئوباما ئەسكەر چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ ، بىراق قايسى ۋاقىتتا ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقى يەنىلا ‹‹ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىنىدىكەن ›› .
2001–يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتىلىغاندا ، ئامېرىكىدا تەخمىنەن %88 ئامما قوللىغان ، بىراق ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ بۇ يىل 9–ئايدا ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، %58 ئامما ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان .
تەھلىلچىلەر : ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە ئۇرۇشقا قارشى بېسىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ئوبامانىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئىلگىرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان قارشىلىق كۈچى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە . ئوبامانىڭ دىپلوماتىيە نەتىجىسى ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكمۇ–يوق ، دېگەننى بەلگىلەيدۇ . بىراق ئامېرىكا ئافغانىستان پاتقىقىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كەتتى ، ئوبامانىڭ داۋاملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نىسبىتىمۇ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى ، دەپ قاراشتى .