ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ۋېن جياباۋ ھىندىستاندا زىيارەتتە بولدى

2010-يىلى12-ئاينىڭ16-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
    شىنخۇا تورى يېڭى دېھلى 15–دېكابىر تېلېگراممىسى : جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ شۇ يەر ۋاقتى 15–دېكابىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كېلىپ ، ھىندىستاندا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى .  
  

    شىنخۇا تورى يېڭى دېھلى 15–دېكابىر تېلېگراممىسى : جۇڭگو گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ شۇ يەر ۋاقتى 15–دېكابىر چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىغا يېتىپ كېلىپ ، ھىندىستاندا ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى .

  شۇ كۈنى كەچتە ، ۋېن جياباۋ ھىندىستان زۇڭلىسى سىنىگنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش كەچلىك زىياپىتىگە قاتناشتى .

    ۋېن جياباۋ بەش يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، زۇڭلى سىنىگنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ ، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى قۇتلۇقلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، جۇڭگو–ھىندىستان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ ، تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىپ ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىلىپلا قالماستىن ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى . بۇ يىل ، جۇڭگو–ھىندىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى ، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ، جۇڭگو–ھىندىستاننىڭ ئۆزئار ئىشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھە ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگو–ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن .

   سىنگ زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ ھىندىستانغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ مۇنداق دېدى : ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەمدە جۇڭگو خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ . ئىشىنىمەنكى ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا ، زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالغۇسى .

   ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بولىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى .

   ۋېن جياباۋ 2005–يىلى ھىندىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولغان ئىدى . زىيارەت مەزگىلىدە ، ۋېن جياباۋ ھىندىستان رەھبەرلىرى بىلەن چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ سىياسىي يېتەكچى پىرىنسىپى توغرىسىدا ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلىپ ، ئىككى تەرەپ 1981–يىلى چېگرا مەسىلىسى سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ سىياسىي يېتەكچى ھۆججىتىنى ئىمزالىغانلىغان . جۇڭگو–ھىندىستان ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى يەنە بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ ، تىنچ ۋە گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

   ھىندىستان ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى تۇنجى بېكەت بولۇپ ، ئۇ 17–دېكابىر ھىندىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، پاكىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!