ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كورىيە كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساپ چىقىپ چاۋشيەنگە تەھدىت سالماقچى

2010-يىلى12-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: قەيسەر
ھ   كورىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ( ماتېرىيال سۈرەت )      شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ 28–دېكابىر تېلېگراممىسى : كورىيە مەلۇماتچىلىرىنىڭ 27–دېكابىر ئاشكارلىشىچە ، كورىيە ھەربىي تەرەپ ئۆز ئالدىغا ‹‹ كۆرۈنمەس ›› ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساپ ، چاۋشيەنگە تەھ
  
ھ
 
كورىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ( ماتېرىيال سۈرەت )
 
   شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ 28–دېكابىر تېلېگراممىسى : كورىيە مەلۇماتچىلىرىنىڭ 27–دېكابىر ئاشكارلىشىچە ، كورىيە ھەربىي تەرەپ ئۆز ئالدىغا ‹‹ كۆرۈنمەس ›› ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساپ ، چاۋشيەنگە تەھدىت سېلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ .

   سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەلۇماتچىلارنىڭ كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدىن كېيىن ، ھەربىي تەرەپ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى تەتقىق قىلىپ ياساشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساشقا ئۆزگەرتكەن .

   2015–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە ‹‹ كورىيە ›› بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى ئاساسىي ئۇقۇمىنى ‹‹ كۆرۈنمەس ›› ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساشقا ئۆزگەرتىپ ، دۇشمەننىڭ رادار سىستېمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن . يەنپىڭ ئارىلىدا توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، بۇ ئۇقۇم تېخىمۇ ئايدىڭلاشقان .

   مەلۇماتچىلار : ‹‹ كورىيە ھەربىي تەرەپ ئىچكى قىسىمدا چاۋشيەنگە تەھدىت سالىدىغان بىر خىل كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساپ چىقىپ ، چاۋشيەنگە ئېغىر روھىي بېسىم ھاسىل قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى ›› دېدى .

   كورىيە 2000–يىلىدىن بۇيان ، نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ، 2020–يىلدىن بۇرۇن ‹‹KF—16›› بەلگىلىك كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ياساپ چىقماقچى . بۇ تۈرنىڭ ۋاكالەت نومۇرى ‹‹ KF—X ›› .

   23–نويابىر ، چاۋشيەن–كورىيە تالاش–تارتىشىدىكى ‹‹ شىمالىي رايون چېگرىسى ›› ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، كورىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئىككى جەڭچىسى ۋە ئىككى پۇقرا قازا قىلغان ، 18 ئادەم يارىلانغان . 

    كورىيەنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدە ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!