ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كورىيە پارلامىنت ئەزالىرى يىغىندا ئۇرۇشۇپ كەتتى

2010-يىلى12-ئاينىڭ04-كۈنىمەنبە:ww.nur.cn يوللىغۇچى: ئايگۇل
خەلقئارا لېنىيە مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە كۈندىلىك تېلگىراف گېزىتى نىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-نويابىر، كورىيە سىئولدىكى پارلامىنت يىغىنىدا پارلامىنت ئەزالىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشلۈك تاماق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ۋا
  



خەلقئارا لېنىيە مەخسۇس خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك تېلگىراف گېزىتى» نىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1-نويابىر، كورىيە سىئولدىكى پارلامىنت يىغىنىدا پارلامىنت ئەزالىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشلۈك تاماق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، جىددىي بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرى توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامىنت ئەزاسى تەكلىپى، « سىئولدىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى 2012-يىلىدىن باشلاپ چۈشلۈك بىر ۋاق تاماق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش» لايىھەسىگە بېلەت تاشلاش يىغىنى ئاچتى. بىراق، بۇ تەكلىپ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بىلەن چوڭ دۆلەت پارتىيىسى پارلامىنت ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىشىغا ئۇچرىدى. بېلەت تاشلاشنى توسۇش ئۈچۈن، بىر چوڭ دۆلەت پارتىيىسى پارلامىت ئەزاسى رەئىس سەھنىسىگە ئېتىلنىپ چىقىپ، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق تاكاللىشىپ كەتتى. كېيىن، ئىككى پارتىيە پارلامىنت ئەزالىرى ئۆزئارا يامان گەپ قىلىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئىتتىرىشپ توقۇنۇش يۈز بەردى. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامىنت ئەزاسى رەئىس سەھنىسىدىكى چوڭ دۆلەت پارتىيىسى پارلامنت ئەزەسىنى ئىشتىرىپ چۈشۈرۋەتتى، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر مەيدان توقۇنۇش بېسىقتۇرۇلدى.
بۇنداق توقۇنۇشلار، كورىيە پارلامنتتىدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ تەكلىپى قارشىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ھەر قايسى پارلامىنت ئەزالىرى «قورال كۈچى» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيتتى. 2009-يىلى، كورىيە دۆلەت پارلامىنتىدا مۇشۇنداق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
 



 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!