
مەركەز قەشقەر ۋە قورغاستا ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى. شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن جياڭ پىڭئەن، دۇڭ شىنگۇاڭ، جيا ديەنزېڭ، تېڭ يۈفېن قاتارلىقلار تەكلىپ تەييارلاپ، دۆلەتتىن ئالاھىدە ئىقتىسادىي سىياسەتنى تېزرەك تۈزۈپ، تەرەققىيات رايونىغا تېخىمۇ ئالاھىدە ئېتىبارلىق مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، يەر سىياسىتى بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ئاپتونوم رايون 2011 – يىلنى شىنجاڭنىڭ ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› قىلىپ بېكىتتى ھەم بىر قاتار ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇردى، ئەزالار بۇ ئورۇنلاشتۇرمىنى چۆرىدەپ تەكلىپ تەييارلىدى.
ئەزالار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹زامانىۋى مەدەنىيەت››نى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ‹‹يۇمشاق كۈچى››نى قانداق كۈچەيتىش مەسىلىسىدىمۇ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى. ئەزا جياڭ پىڭئەن تەييارلىغان ‹‹جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر رايونى قۇرۇش توغرىسدىكى تەكلىپ›› نۇرغۇن ئەزانىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى، كۆپچىلىك بۇ تەكلىپنى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ سۇنۇشقا كېلىشتى.

فېڭ جېن خەۋىرى : سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 – يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى 1 – مارت چۈشتە ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتى.
ئەزا خۇ جىبىن ئايرودۇرۇمدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتىمىز، مەركەزنىڭ زور مەدىتى ۋە 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ خالىس ياردىمىدە شىنجاڭ يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سىياسەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەزا ئادالەت ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا باشلىنىش ياخشى بولدى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى. بۇ قېتىم تەييارلىغان تەكلىپلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مائارىپ، تېببىي دورا، سەھىيە، قانۇن ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تېگىشلىك رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.
ئەزا پاتىمە مەخمۇت چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپ تەييارلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشتا ئۇلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش بىلەنلا كۇپايە قىلماي، قانداق بېيىتىشقا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ھازىر سىياسەت بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، چارۋىچىلار ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ تېخنىكا ماھارەت تەربىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

