ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

يانۋاردا قەشقەر شەھىرىنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى ئۈچ قاتلاندى

2011-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى : بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ، قەشقەر شەھىرى‹‹ قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى›› قۇرۇلۇشى ۋە شىنجىن شەھىرىنىڭ ساھالەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشىتەك ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە ، شەھەر ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ ، زېمىن بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى جانلاندۇرۇپ ، مالىيە كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتكەنلىكتىن ، بۇ يىل يانۋاردا شەھەرنىڭ يەرلىك مالىيە كىرىمى 279 مىليون 450 مىڭ يۈەنگە يېتىپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 210 مىليون 620 مىڭ يۈەن كۆپىيىپ ، بىر ئايدىلا ئۈچ ھەسسدىن كۆپرەك ئاشتى.

   قەشقەر شەھىرى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى روھىنى زىچ چۆرىدەپ ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى . نەتىجىدە ، بۇ يىل يانۋار ،  شەھەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى يەرنى ئۆتۈنۈپ بېرىش جەھەتتىن قىلغان كىرىمى 200 مىليون يۈەندىن ئېشىپ ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 36 ھەسسە كۆپىيىپ ، يەرلىك مالىيە كىرىمىنىڭ %70 نى تەشكىل قىلدى . قەشقەر شەھىرى يەنە سانائەت ئاساسىي ئاجىز ، سانائەت قوشۇلما قىممىتى ئاز بولۇشتەك ئەھۋالغا قارىتا يەر–زېمىن ، مالىيە–باج ، مەبلەغ سېلىش جەھەتتە بىر بۆلەك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ ، مالىيە–باج قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇردى . يانۋاردا ، ئادەتتىكى مالىيە خامچوت كىرىمى ئىچىدە ، باج كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %98 گە يەتتى . نۆۋەتتە ، قەشقەر شەھىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق شەھەر قۇرۇلۇشى مەبلىغى جۇغلاپ ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىپ ، شەھەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رامكىسىنى كېڭەيتىپ ، مالىيە كىرىمىنىڭ تېز ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!