شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلە مەدىتى بېرىش پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى
چېڭ لىشىن، لى خۇا خەۋىرى : مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 2 – مارت بېيجىڭدا مالىيە مىنستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مالىيە مىنىستىرى شيې شۈرېن، جۇڭگو بانكىسىنىڭ باشلىقى جو شياۋچۈەن، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ليۇ مىڭكاڭ قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا پۇل مۇئامىلە مەدىتى بېرىش پىلانىنى ئورتاق كېڭەشتى.
مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى مىنىسىترلىق، كومىتېتلىرى، بانكا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا بېرىلىدىغان كىرېدىت سېلىنمىسى ۋە مەدەت سالمىقىنى زورايتتى، تارقىتىلغان قەرز پۇلنىڭ مىقدارى تارىخىي يېڭى پەللىگە يەتتى. شىنجاڭدىكى بانكىلارنىڭ تۈرلۈك قەرز پۇل سوممىسى تۇنجى قېتىم 500 مىليارد يۈەندىن ھالقىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.3 ئېشىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن %12.23 پوئېنت يۇقىرى بولدى، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى.
جاڭ چۈنشيەن سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 2010 – يىلى شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى، بۇنى مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇلتۇر مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭدا باشلامچىلىق بىلەن بايلىق بېجى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدى، بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا مەدەت بەردى. جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان سودىنى قانات يايدۇرۇشى ۋە سېلىنمىنى خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، نۇقتىلىق تۈر ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كىرېدىت بىلەن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، شىنجاڭنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە ياردەم بېرىش، پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ئۈرۈمچىدە دەل ۋاقتىدا بانكا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلە پىشاڭىدىن پايدىلىنىش ئېڭى ۋە بازار ئىگىلىكى ئېڭىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز، زامانىۋى كەسىپلەر تېخى ئەمدىلا باش كۆتۈردى، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھالقىما تەرەققىياتنىڭ تەلىپىدىن تېخى خېلىلا يىراق. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس تۈر بويىچە يۆتكەپ چىقىم قىلىپ، قورغاس، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىغا سىياسەت جەھەتتىن تېخىمۇ كۆپ مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كىرېدىت سىياسىتى جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ زورايتىشىنى؛ بانكا كەسپىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلىرى ۋە ئاجىز ھالقىلىرىغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى سالمىقىنى زورايتىشى، ماسلاشتۇرۇشى، مەدەت بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى؛ شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قەرز بېرىش شەكلى ۋە سوممىسى جەھەتتە ئېتىبار بېرىشىنى؛ شىنجاڭدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى، يەرلىك بانكا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش ۋە چېگرا ھالقىغان سودىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
شيې شۈيرېن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئوتتۇرىغا قويغان شىنجاڭغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى قوللاش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، بايلىق بېجى ئىسلاھاتى دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قانچە تەكلىپنى تۇلۇق ئويلىشىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز.
جۇ شياۋچۈەن، ليۇ مىڭكاڭ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تەرەققىيات يۆنىلىشىنى قوللاشنى چۆرىدەپ لايىھە تۈزۈپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، خىزمەت سەۋىيەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللايدۇ.
نۇر بەكرى: مىنىستىرلىق، كومىتېت، بانكا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئاپتونوم رايون پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، قولاي شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، دېدى.