ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى‹‹Shell››شىركىتى بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ياڭ جيې خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 28 – فېۋرال كەچتە ‹‹Shell›› جۇڭگو چارلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرلۈك گازى قاتارلىق غەيرىي مۇنتىزىم تەبىئىي گاز بايلىقىنى ھەمكارلىشىپ چارلاش، ئېچىش توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۆرەش مەخسۇت بىلەن ‹‹Shell›› جۇڭگو گۇرۇھىنىڭ رەئىسى لىن خاۋگۇاڭ كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىقتىساد – ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    كېلىشىم بويىچە، ‹‹Shell›› شىركىتى شىنجاڭنىڭ كۆمۈرلۈك گازى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى چۆرىدەپ، كۆمۈرلۈك گازى قاتارلىق غەيرىي مۇنتىزىم تەبىئىي گاز بايلىقىنى ھەمكارلىشىپ چارلاش، ئېچىش ۋە پايدىلىنىش تۈرىنى قانات يايدۇرىدۇ. بۇ شىركەت تېخنىكا، تۈر باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش ھوقۇقى بار كارخانىلار بىلەن بازارلاشقان تىجارەتنى يولغا قويۇپ، سالاھىيەتلىك كارخانا، ئورۇنلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق غەيرىي مۇنتىزىم تەبىئىي گاز بايلىقىنى باھالاش، چارلاش، ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹Shell›› شىركىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ كۆمۈرلۈك گازى قاتارلىق غەيرىي مۇنتىزىم تەبىئىي گاز بايلىقىنى باھالاش، چارلاش، ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى قوللاش بىلەن بىللە، شىركەتنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشى بويىچە كارخانا تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!