مېھرىگۈل غوپۇر خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت 1 – مارت كەچتە، ‹‹CARLSBERG›› شىركىتى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لىدىرى بەي رۇڭئېن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
كۈرەش مەخسۇت مېھمانلارغا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بايلىق ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹CARLSBERG›› دۇنياغا داڭلىق ماركا سۈپىتىدە شىنجاڭ ‹‹شىخۇ›› پىۋا شىركىتىنى قايتا تەشكىللەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، كۆپ خىل تېخنىكا ئۆزگەرتىش، كۆلەم كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئىشلەپ، شىنجاڭ ‹‹شىخۇ›› پىۋىسىگە مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. ‹‹CARLSBERG›› شىركىتىنىڭ شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىيات ماكانىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭ بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردە ئالاقىلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەي رۇڭئېن مۇنداق دېدى: ‹‹CARLSBERG›› شىركىتى تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش شەكلىنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.