لى شىڭ خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن يۇڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى بىلەن شىنجاڭ مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ 2011 – يىللىق ئەتىيازدا ئوقۇش باشلايدىغان مۇنتىزىم سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي ساپاسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەم ئورگان ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى ھەم ئورگان
ئۈنۈم قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە كاپالىتى.
خەن يۇڭ مۇنداق دېدى: تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشنى ئاساس قىلىپ، ئورگان كادىرلىرىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەدە چىڭ تۇرۇشنى نېگىز، ئىقتىدار جەھەتتىن تەربىيەلەشنى مۇھىم نۇقتا، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلەشنى ۋە چاكار روھى يېتىلدۈرۈش جەھەتتىن تەربىيەلەشنى ئاچقۇچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئورگان كادىرلىرىنىڭ كەسىپ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قارىتىپ، تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئورگان ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
خەن يۇڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق تەپەككۇر ۋە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆگىنىشتىن ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.