پۇتىن كۆز كېسەللىكى ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن خەيرئېھسان مۇزىكا كېچىلىكىدە پىئانىنو چالماقتا شىنخۇا تورى موسكىۋا 23–دېكابىر تېلېگرامىىسى : رۇسىيە جامائەت پىكرىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ 23– دېكابىر ئېلان قىلغان خەلق

پۇتىن كۆز كېسەللىكى ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن خەيرئېھسان مۇزىكا كېچىلىكىدە پىئانىنو چالماقتا
شىنخۇا تورى موسكىۋا 23–دېكابىر تېلېگرامىىسى : رۇسىيە جامائەت پىكرىنى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ 23– دېكابىر ئېلان قىلغان خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، زۇڭلى پۇتىن %55 بېلەتكە ئېرىشىپ ، رۇسىيەدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق سىياسىي شەخىس بولغان ، زۇڭتۇڭ مېدىۋېدىۋ %34 بېلەتكە ئېرىشىپ ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ژىرىنوفۇسىكې ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
خەلق رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، رۇسىيەلىكلەر دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىكەن . %51 ئادەم 2011–يىلى رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بىر يىل بولىدۇ دەپ قارىغان . بىراق 2008 –يىلى ، بۇ خىل قاراشنى قوللايدىغانلار پەقەت %38 بولغان ، %62 رۇسىيەلىك ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ناھايىتى پارلاق بولىدۇ دەپ قارايدىكەن .
لۇژىكۇفنىڭ موسكىۋا شەھىرىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى رۇسىيەدىكى يىللىق پەۋقۇلئاددە ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ قالغان . مېدىۋېدىۋ لۇژىكۇفنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ ، مۇئاۋىن زۇڭلى ، قوشۇمچە زۇڭلى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سۇبىيانى موسكىۋا شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن ؛ نورمال بولمىغان ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق ھاۋا رايى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، رۇسىيەگە غايەت زور ئىقتىسادى زىيان سالغان ئورمان ئوت ئاپىتى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان ؛ 2010–يىلى 11–دېكابىر موسكىۋادا يۈز بەرگەن زور كۆلەمدىكى توپ ھەۋەسكارلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان .
22–دېكابىر ، پۇتىن رۇسىيەدىكى بىر تەنتەربىيە سارىيىدا جۇدو تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن بىللە
پۇتىن كۆز ۋە راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن خەيرئېھسان مۇزىكا كېچىلىكىدە ناخشا ئېيتماقتا
( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!