ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

كۈرەش مەخسۇت كۆمۈر سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىش كېرەك،دېدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    جۇڭ شيۇلىڭ خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كۈرەش مەخسۇت 1 – مارت ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر سانائىتى خىزمىتى يىغىنىدا: كۆمۈر سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، كۆمۈر كاندا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆمۈر سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك، دېدى.

    كۈرەش مەخسۇت مۇنداق دېدى: بۇ يىل ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ باشلىنىش يىلى، ھەر دەرىجىلىك كۆمۈرچىلىك تارماقلىرى پۇرسەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشى؛ كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى كېرەك. كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ راۋاجلىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، زور كۆمۈر تۈرى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹12 – بەش يىل›› نىڭ باشلىنىش يىلىدا قەدەمنى ياخشى بېسىپ، باشلىنىشنىڭ ياخشى بولۇشىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!