شەمشىدىن خەپىتىم خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاقتۇ ناھىيەسىگە مۇخبىرلىققا بارغىنىمدا بۇ ناھىيەنىڭ ئاقتۇ بازىرى ياغچاق كەنتىدىكى ئەلىجان ماڭا: مەن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى توخۇغا بېرىلىدىغان ھەر توننا يەم – خەشەكنى 500 يۈەن ئەرزان باھادا بەردى، مۇشۇنداق ھېسابلىغاندا توخۇ بېقىشقا كېتىدىغان يەم – خەشەك تەننەرخىدىنلا 10 نەچچە مىڭ يۈەن تېجەپ قالدىم، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىم قىلىپ بەردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ماڭا مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەچكە، توخۇ، چۈجە، تۇخۇم سېتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم، دېدى.
بۇ ناھىيە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، دېھقانلارنى بېيىش يولىغا باشلىغان. ھازىر ناھىيە بويىچە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى 34 كە يېتىپ، ئۇنىڭغا قاتناشقان دېھقان ئائىلىسى 600 دىن ئېشىپتۇ. بۇ دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئەزالىرىنىڭ بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا مەبلەغ تاپالماسلىق، مەھسۇلاتلىرىنى ۋاقتىدا يۇقىرى باھادا ساتالماسلىق مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان.