ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چاۋشيەن ئاخبارات ۋاستىلىرى چاۋشيەن ــ كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2010-يىلى12-ئاينىڭ31-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  30–دېكابىر ، كورىيە دېڭىز ئارمىيەسى غەربىي قىسىمدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەقىقىي ئوق مەشىقى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى     شىنخۇا تورى پيۇڭياڭ 31–دېكابىر تېلېگراممىسى : چاۋشيەن ‹‹ ئەمگەك خەۋەرلىرى ›› نىڭ 31–دېكابىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ، چاۋشيەن كورىيە ــ چاۋشيە
  
 
30–دېكابىر ، كورىيە دېڭىز ئارمىيەسى غەربىي قىسىمدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەقىقىي ئوق مەشىقى مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

    شىنخۇا تورى پيۇڭياڭ 31–دېكابىر تېلېگراممىسى : چاۋشيەن ‹‹ ئەمگەك خەۋەرلىرى ›› نىڭ 31–دېكابىر ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ، چاۋشيەن كورىيە ــ چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى بالدۇرراق ياخشىلاشنى ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان .

   ماقالىدە ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ، مىللەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولسا پۈتۈن مىللەتنىڭ ئارزۇسى شۇنداقلا دەۋرنىڭ تەلىپى . چاۋشيەن ھازىر جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ، تېنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە . بىراق ، بۇ بىر تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشمايدۇ ، كورىيە تەرەپ چاۋشيەنگە قارىتىلغان قارشىلىق ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك .

   ‹‹ ئەمگەك خەۋەرلىرى ›› شۇ كۈنى ئوبزور ئېلان قىلىپ ، كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى يېقىنقى خىزمەت دوكلاتىدا يېڭى بىر يىلنى ‹‹ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تەييارلىق يىلى ›› قىلىپ بېكىتتى ، ئەمەلىيەتتە بۇ ‹‹ تۈزۈلمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ›› تەشۋىقاتى ، بۇ يەنە ‹‹ مىللەتنىڭ خاھىشى ›› غا خىلاپ شۇنداقلا ‹‹ بىمەنە ، ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىيال ›› بولۇپ ، بۇ چاۋشيەن ــ كورىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىدۇ ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدۇ .

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، كورىيە بىرلىككە كەلتۈرۈش مىنىستىرلىقى 29 ــ دېكابىر يېڭى يىل خىزمىتى دوكلاتىدا ‹‹ چاۋشيەننى ئاكتىپ ئۆزگىرەشكە يىتەكلەش ›› ، ‹‹ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ›› قاتارلىق ئۈچ تەرەپكە چېتىلىدىغان سىياسىي نىشانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە 2011 ــ يىلىنى ‹‹ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئەڭ يېقىنلاشقان ئالغا ئىلگىرلەش يىلى ›› قىلىپ بېكىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!