1-ئاينىڭ3-كۈنى، ئاسىيا گازاغا ياردەم بېرىش ئەترىتى مىسىر بىلەن چېگىرلىنىدىغان رافا ئارقىلىق گازا دېڭىز ياقىسى بەلبېغىغا كىرگەن.
يېمەكلىك ۋە داۋالاش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغان گازا ياردەم بەرگۈچى ماشىنا ئەترىتى ئاسىيا قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ، گازا رايونىغا كېلىپ بولغان.
تەخمىنەن 105 نەپەر ئىنسانىي ھوقوق پائالىيەتچىسى يىغىلغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى سۇرىيە ئارقىلىق مىسىرغا كەلگەن.
مىسىر دائىرلىرى ئىران پائالىيەتچىلىرىنىڭ ماشىنا ئەترىتى بىلەن مىسىرغا كىرىشىنى توسقان.
بۇ ماشىنا ئەترىتى 7000 كىلومېتىر يول باسقان، ئەمما سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لاتىكىيادا مىسىر دائىرلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ساقلاپ بىر ھەپتە تۇرۇپ قالغان.
مەزكۇر ماشىنا ئەترىتى سەپىرىنى ھىندسىتان پايتەختى يېڭى دېھلىدىن باشلىغان. ئىران، تۈركىيە، لىۋان ۋە سۇرىيەلەردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا مىسىر ئارقىلىق گازا رايونىغا كىرگەن.