ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

جاڭ چۈنشيەن خې تۇڭشىن بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    لى شىڭ خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 25 – ماي ‹‹ھەممىباب›› تېخنىكا(گۇرۇھى) باش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خې تۇڭشىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ‹‹ھەممىباب›› تېخنىكا گۇرۇھى يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىدىغان مارالبېشى ناھىيەسىگە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، كارخانىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇشتىكى ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى نامايان قىلىپلا قالماي، دۆلەت كارخانىسىنىڭ يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى نامايان قىلدى. بۇ قېتىم بۇ گۇرۇھنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى شىنجاڭغا يەنە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا پائال قاتناشتى، ئاپتونوم رايون مەزكۇر كارخانا بىلەن بولغان ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدا كەسىپ تەرەققىياتىغا تايىنىش كېرەك. زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا جەزمەن يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ئىلغار تېخنىكىغا تايىنىش كېرەك. ‹‹ھەممىباب›› تېخنىكا گۇرۇھى بۇ جەھەتتە كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە، مەزكۇر كارخانىنىڭ شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە تەرەققىيات رايونى قۇرۇشىنى چۆرىدەپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    خې تۇڭشىن: كارخانىمىز ئارتۇقچىلىقلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخنىكا كىرگۈزۈش ۋە مۇلازىمەت، سودا ئوبوروتى، تېببىي دورا قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىدۇ، دېدى.

    ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، خۇاڭ ۋېي، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، خۇ ۋېي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!