
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرى مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، مىسى 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، مىسىر بىلەن گازا ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئېغىزىنى ئېچىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىپ چىقىشىنى بوشىتىشنى قارار قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، مىسىر ھۆكۈمىتى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى شەنبىدىن باشلاپ، رافاھ ئېغىزىدىكى خىزمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە، جۈمە كۈنى ۋە رەسىمىي ھېيت بايراملاردىن سىرتقى ۋاقىتتا خىزمەت قىلىدىكەن.
مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى «مىسىرنىڭ پەلەستىندىكى ئىچكى بۆلۈنۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، پەلەستىن ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى» ئىكەن.
پەلەستىن خاماس تەشكىلاتى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خاماسنىڭ باياناتچىسى تاھىر:«بۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېگرىدىن كىرىپ چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم قارار. بىز رافاھ ئېغىزىدا كەلگۈسىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مالنىڭ ئۆتىشىنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!