ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

تارىم دەرياسىدا23يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يىلبويى سۇ ئۈزۈلمەي ئاقتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    شى چياۋمېي خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، 2010 – يىلى 5 – ئايدىن 2011 – يىلى 5 – ئايغىچە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى چارادىن ئۇدا قويۇپ بېرىلگەن سۇ 1 مىليارد 223 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، تېتىما كۆلىگىچە ئېقىپ بارغان. تارىم دەرياسىدا 1988 – يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يىل بويى ئۈزۈلمەي سۇ ئاققان. بۇ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنىڭ شاراپىتى ئىكەن، شۇنداقلا ھەۋزە سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى بىلەنمۇ زور دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەن.

    تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى يېقىنقى مەزگىللىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش 2001 – يىلى باشلانغاندىن بۇيان، ھەۋزىدىكى سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈنۈملۈك ياخشىلانغان، بىراق ھەۋزە سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى راۋان بولمىغانلىقى، قالايمىقان بوز يەر ئېچىش، نورمىدىن ئارتۇق، پىلاندىن سىرت سۇ ئىشلىتىش، ئېكولوگىيە سۈيىنى ئىگىلىۋېلىش ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈر قۇرۇلۇشىدا تېجەلگەن سۇ پىلاندىكى تەلەپ بويىچە غول ئېقىن ۋە تۆۋەنكى ئېقىنغا قويۇپ بېرىلمىگەن.

    ئاپتونوم رايون بۇ ھالەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، 2011 – يىل 2 – ئاينىڭ 10 – كۈنى تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدىكى غول باش ئېقىنلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ بارلىق ئىشتاتىنى تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلىپ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسى سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدىغان يېڭى تۈزۈلمە ئورناتتى.

    2010 – يىلى 5 – ئايدىن باشلاپ، بولۇپمۇ ھەۋزە سۇ بايلىقىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى راۋانلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاقسۇ دەرياسىغا ئەتىيازدا سۇ كۆپ كېلىشتەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ مىقدارىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئېكولوگىيە ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالدىن سۇ ئىشلىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلىدى، 2011 – يىل 1 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن ھازىرغىچە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا تەشكىللىك ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەردى، بۇ تۇنجى قېتىم كەلكۈن مەزگىلىدىن باشقا چاغدا تارىم دەرياسىغا كەلگەن سۇنى تۆۋەن ئېقىنغا قويۇپ بېرىش ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە، تۆۋەن ئېقىنغا 180 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىلىپ، تارىم دەرياسىدا يىل بويى سۇ ئۈزۈلمەسلىك نىشانىغا يېتىلدى. ئۇدا سۇ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىكى يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەش زىددىيىتى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلدى، شۇنداقلا تۆۋەن ئېقىن بويىدىكى توغراق، يۇلغۇن قاتارلىق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئۆسۈشىنى تېزلەتتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!