ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن بۇيان تۇنجى سۆز قىلىپ چىرىكلىك شىكايىتىنى ئىنكار قىلدى

2011-يىلى04-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئاپرېل خەۋىرى: مىسىر سابىق پىرىزدېنتى مۇبارەك 10-ئاپرېل 2-ئايدا تەختتىن چۈشكەندىن بۇيانقى تۇنجى ئاشكارا سۆز قىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا قارىتىلغان چىرىكلىشىش شىكايىتىنى قىلچىمۇ ئاساسى يوق دېگەن. 82 ياشلىق مۇبارەك 10-ئاپرې
  

 
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-ئاپرېل خەۋىرى: مىسىر سابىق پىرىزدېنتى مۇبارەك 10-ئاپرېل 2-ئايدا تەختتىن چۈشكەندىن بۇيانقى تۇنجى ئاشكارا سۆز قىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا قارىتىلغان چىرىكلىشىش شىكايىتىنى «قىلچىمۇ ئاساسى يوق» دېگەن.
82 ياشلىق مۇبارەك 10-ئاپرېل ئەرەب تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق ئۈنئالغۇغا ئېلىنغان سۆزىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئابرويىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئۆزىنىڭ چەتئەللەردە مال-مۈلكى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۆزىگە قارىتىلغان چىرىكلىشىش شىكايىتىدىن ئازاپلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇبارەك ئۆزىنىڭ پىرىزدېنتلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى مىسىر دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە مىسىرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە تەقەززا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ ئۆزىگە قارىتىلغان ھەر قانداق تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ چەتئەللەردە مال-مۈلكى يوقلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقى بىلدۈرگەن. باش تەپتىشنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرىشىگە تەييارلىق قىلىپ بولغان.
مىسىر ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر باش تەپتىشى مەخمۇد 10-ئاپرېل مۇبارەك ۋە ئىككى ئوغلىنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ «نامايىشنى قوراللىق باستۇرۇش ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان. مەخمۇدنىڭ قارارى مۇبارەكنىڭ ئۈنئالغۇ سۆزى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سىرتقا ئېلان قىلىنغان. مىسىر تەھرىر مەيدانىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى
 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!