جۇڭگو ئاخبارات تورى 17 _ ئۆكتەبر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتىنىڭ 16 _ ئۆكتەبر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېنىيە قىسىملىرى يېقىندا چېگرادىن ھالقىپ، سومالى چېگراسىدىن 96 كېلومېتىر ئىچكىرىسىدىكى سومالىدا تۇرۇشلۇق ئەل قائىد تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بولغان تېرورچى تەشكىلات "ياشلار پارتىيىسى" گە زەربە بەرمەكچى بولغان. كېنىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ياشلار پارتىيىسىنىڭ كېنىيەدە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق كېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ھەربى قىسىملارنىڭ چېگرا ھالقىغانلىقىنى ئېتراپ قىلمىغان. سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقداش خەلق ئەسكەرلىرى راسكامبون (Ras Kamboni) دىكى بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، تەخمىنەن 400 دەك كېنىيە ئەسكەرلىرى جۈمە (14 _ ئۆكتەبر) كۈنى سومالى چېگرىسى ئىچىگە كىرىپ، يەكشەنبە (16 _ ئۆكتەبر) كۈنى Lower Juba غا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، سومالى ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكچى بولغان. ئۇ يەنە، كېنىيە قىسىملىرى ياشلار پارتىيىسى كونتىروللىقىدىكى Afmadaw بازىرىغا ئىلگىرلەپ كىرگەنلىكىنى ئېيتقان. سومالى ۋە كېنىيە باشقا ئەمەلدارلىرى ھەمدە كۆرگۈچىلەرنىڭ دەلىللىشىچە، كېنىيە قىسىملىرى چېگراغا يىغىلغاندىن كېيىن، ھەربى ئايروپىلاننىڭ ياردىمىدە، سومالى چېگراسىغا كىرگەن. سومالى چېگرىسىغا يېقىن لىبويى بازىرىدىكى كېنىيە پۇقراسى، كېنىيە ھەربى تىك ئۇچارى 16 _ كۈنى كەچتە شۇ يەرگەچۈشۈپ كېتىپ ۋەيران بولغانلىقىنى ئېيتقان. شەرقى ئافرىقا دۆلەتلىرى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى جورج سەيتوت، سومالى چېگراسى يېقىندا ئېتىلمەكچى، كېنىيە قىسىملىرى سومالىدىكى ياشلار پارتىيىسىگە زەربە بەرمەكچى دېگەن. ياشلار پارتىيىسى ئەكسىچە كېنىيە قىسىملىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كېنىيە ئەسكەرلىرى ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنسا، ئۇلار "شەپقەتسىز ئوق" نى ھېس قىلىپ قالىدۇ، دېگەن. ياشلار پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى شىك تۈركى، "كېنىيە قوپاللىق بىلەن بىزنىڭ مۇقەددەس زىمىنىمىزغا كىرىدىكەن، كاپالەت بېرىمەنكى، ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ قايتىدۇ. بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ئۇلارغا ئوقنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويىدۇ" دېگەن. (mehray)