شىنخۇا تورى يۈننەن گۈەنلېي 16- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ماتروسلىرى مىكون دەرياسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن ، 16-ئۆكتەبىر سائەت 15:45 ئۆتكەندە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئېلىمىزنىڭ تايلاندتا توختاپ قالغان11 يۈك پاراخوتى ۋە 78 نەپەر ماتروس جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى چارلىغۇچى كېمىلىرىنىڭ قوغدىشى بىلەن ۋەتەنگە بىخەتەر قايتىپ كەلدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ، قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى ، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ماتروسلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى گۈەنلېي پورتىغا چىقىپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى .
ئىگىلىنىشىچە، يەنە 15 يۈك پاراخوتى ۋە 86 نەپەر ماتروس بىخەتەر سۇ تەۋەلىككە كىرگەن بولۇپ، ئۇلار چېگرا سىرتىدىكى يۈك چۈشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىدىكەن . جۇڭگو ھۆكۈمىتى تايلاند، لائوس، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئېلىمىز پاراخوتلىرى ۋە ماتروسلىرىنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى ھەمدە جۇڭگو تەرەپ جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى چارلىغۇچى كېمىلىرىنىڭ قوغداش خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلدى.