جۇڭگو ئاخبارات تورى 16-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى: 16-ئۆكتەبىر، ئامېرىكىنىڭ لاسۋىگاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتوموبىل مۇسابىقىسىدە 15 ئاپتوموبىل سوقۇلۇپ كېتىپ ئوت كەتكەن. ئەنگىلىيە ماھىرى دان ۋېلدون قازا قىلغان.
بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن دان ۋېلدون ئىلگىرى ئىككى قېتىم بۇ مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغان بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇ تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئىككى سائەتتىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇنىڭ 134-مەيدان مۇسابىقىسى ئىكەن.