ساياھەتچىلىكنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇش لازىم
جاڭ چۈنشيەن ، شاۋ چىۋېي ، نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى
ماھىرە ئەركىن خەۋىرى : ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى يىغىنى 25 – ماي ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا ساياھەتچىلىكنى خەلق ئىگىلىكىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، ئاممىنى رازى قىلىدىغان زامانىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم ساياھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شاۋ چىۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىرىدىن ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، مەمتىمىن ياسىن يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››دىكى تەرەققىيات نىشانى بېكىتىلدى. يەنى 2015 – يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە كۈتۈۋېلىنىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىنى 80 مىليون(قېتىم)غا، چەت ئەللىك ساياھەتچىنى 2 مىليون(قېتىم)غا يەتكۈزۈش؛ ساياھەتچىلىك كىرىمىنى 85 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇش، 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىش، ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى %8 ئەتراپىغا، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئاشۇرۇلما قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى %20 ئەتراپىغا يەتكۈزۈش؛ ساياھەتچىلىك كەسپىي خادىملىرىنى 500 مىڭدىن ئاشۇرۇپ، 2 مىليون كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش نىشانلاندى.
جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنۇلارنى دېدى: ساياھەتچىلىك شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، تۈۋرۈك كەسىپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنى زورايتىشتىكى ئىستراتىگىيەلىك تاللىشى، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات مۇھىتى بەرپا قىلىشىنىڭ ئېھتىياجى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم يولى، مۇلازىمەت كەسپىدىكى نۇقتىلىق كەسپى، خەلقنى بېيىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم تەدبىرى، زامانىۋى مەدەنىيەتنى باشلامچى قىلىشىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپىدۇر.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تۈۋرۈك كەسىپ يېتىلدۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ساياھەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئورۇنغا قويۇشى؛ ساياھەتچىلىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، رايونلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى چوڭ ھەم كۈچلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇشى؛ ئىلمىي تەرەققىيات، ئىلمىي ھالقىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى بېيىتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى؛ سىجىل تەرەققىيات پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك پىلانىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، داڭلىق مەھسۇلات يارىتىشى؛ ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، ساياھەت بايلىقىنى قوغدىشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشى؛ ساياھەتچى مەنبەسىنى كېڭەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشى؛ باشلامچى كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، بازارنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىشى لازىم.
شاۋ چىۋېي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى روشەن كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، شۇنداقلا كۈچلۈك خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىگە ئىگە. شۇڭا، ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ساياھەتچىلىككە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ جۇڭگودىكى مۇھىم ساياھەت رايونى قۇرۇشنى نىشانلاپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ غەربىي رايون ساياھەت مەنزىرەگاھى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ماركىسى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى لازىم. ‹‹12 – بەش يىل››دا، دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا ساياھەت بازىرىدا شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ساياھەت ماركىسى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق بولغان، بىر قەدەر كۈچلۈك جەلپكارلىققا ئىگە ساياھەت لىنىيەسىدىن بىر – ئىككىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ، مەدەنىيەتنى شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېتەكچى ئامىلى قىلىپ، ‹‹ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات›› يولىدا مېڭىشى كېرەك. ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى قېزىپ، يىپەك يولى ساياھەت ماركىسىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، مەملىكىتىمىزگە، شۇنداقلا دۇنياغا تونۇلغان ساياھەت لىنىيەسى ۋە نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى قۇرۇش؛ ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپنى زورايتىپ، يىپەك يولى ساياھىتى، قار – مۇز ساياھىتى، ئۆزگىچە ساياھەت، چېگرا ساياھىتى قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنى پائال يارىتىش؛ قاتناشنى ئاساس قىلغان ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ساياھەتچىلىكنى باشقۇرۇش ۋە كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ساپاسى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ساياھەتچىلىكنى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋېلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش؛ يېڭى باسقۇچتىكى ساياھەتچىلىكنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈشنى تېزلىتىش؛ شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتىنى يارىتىپ، داڭلىق ساياھەت ماركىسى بەرپا قىلىش؛ مۇھىتى گۈزەل، ئىقتىدارى تولۇق بولغان ساياھەت شەھەرلىرىنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى تېزلىتىش؛ 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ساياھەت بايراملىرىنى ياخشى تەشكىللەش؛ ساياھەت بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە ئېچىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا شاۋ چىۋېي بىلەن نۇر بەكرى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ‹‹شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى›› نى ئىمزالىدى.