ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۇنىس زۇڭلىسى لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

250511PM_Lybie

تۇنىس ئافرىقا ئاگېنتلىقى تورىدا ئېلان قىلىنغان سۈرەت

   شىنخۇا تورى ئالجىرىيە 25-ماي تېلېگراممىسى: تۇنىستىكى ئافرىقا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 25-مارت ، تۇنىس مىللىي ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى ئەسسەبسى (Beji Caid Essebsi) لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى›› نىڭ ۋەكىلى شالقەم (Abderrahmane Chalgham) بىلەن تۇنىس زۇڭلى سارىيىدا كۆرۈشكەن .

   تۇنىس ئافرىقا ئاگېنتلىقى تورى ئىككى تەرەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن سۈرەتنى ئېلان قىلىپ ، كۆرۈشۈشنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىغان .

   خەۋەر قىلىنىشىچە، شالقەم ئىلگىرى لىۋىيەنىڭ دپلوماتىيە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ ، بۇ يىل فېۋرالدا كازافى ھاكىمىيىتىدىن يۈز ئۆرۈپ ، ئۆكتىچىلەرگە قېتىلغان ئىكەن .

    ئىگىلىنىشچە، لىۋىيەنىڭ ھازىرقى دپلوماتىيە مىنىستىرى ئوبايدى 23-ماي راس ئەجىير (Ras Ajdir) چېگرا پورتى ئارقىلىق تۇنىسقا كىرىپ ، جىرباھ ئارىلى (Djerba Island) غا بارغان . ئوبايدىنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ مەقسىدى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئىكەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!