ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرايلى›› تېمىسىدىكى ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى ئىش–ئىزلىرىدىن دوكلات بېىرىىش ئۆمىكى غۇلجىدىكى دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ ، 25–ماي چإۈشتىن كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ كۇيتۈن ئوقۇتۇش رايونىغا كېلىپ دوكلات بەردى . يىغىىنغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، شىمالىي شىنجاڭ دوكلات ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مامۇت تويمۇل، ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ كۇيتۈن ئوقۇتۇش رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ ، 400 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى .
ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى كۇيتۈن ئوقۇتۇش رايونىدىكى دوكلات بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، دوكلاتقا قاتناشقان رەھبەرلەر ، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىلەن دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈردى .
ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ كۈيتۈن ئوقۇتۇش رايونىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىسى ئادىل راخمان مۇنداق دېدى : مەن قەشقەر مارالبېشىدىن كەلگەن ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندە قانداق خىزمەت تېپىش، كەسپىمدە قانداق نەتىجە قازىنىش توغرىسىدا ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم، بۈگۈنكى دوكلات ماڭا ئىلھام بەردى . مەن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ياخشى سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ، مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملەرنى بىرلەشتۈرۈپ قانداق ئىگىلىك تىكلەش ، قانداق قىلغاندا جەمئىيەتتىن بىر كىشىلىك ئورۇن تېپىپ ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىش توغرىسىدىكى ياخشى يوللارنى بىلىۋالدىم .