ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

گۈللىنىۋاتقان كۈنەس ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى

2011-يىلى05-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

ئازادجان ئىبراھىم

   كۈنەس ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولۇپمۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىې يىغىنىدىن بۇيان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى، كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، ئىلگىرىكى قالاق قىياپىتىگە پۈتۈنلەي خاتىمە بېرىپ، ناھىيەنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى ئورۇنلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ھازىر كۈنەس ناھىيەلىك شىنىخۇا كىتابخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مىللىي تىل - يېزىقتىكى ھەر خىل كىتاب – ژۇرناللارنىڭ تۈرى 3472 گە، خەنزۇ تىل - يېزىقىدىكى ھەرخىل كىتاب –ژۇرناللارنىڭ تۈرى 18199غا يەتكەن. ھەرخىل تىل – يېزىقتىكى كىتاب – ماتېرىياللارنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە ئاشقان.

  2010-يىلى 19-ئىيۇن كۈنەس ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ يېڭى بىناسى پۈتۈپ، لېنتا كېسش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، رەسمىي تىجارەت قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ كىتابخانا كىتاب–ماتېرىيال سېتىۋالىدىغان، كىتاب ئوقۇيدىغان ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دائىم بارىدىغان جايىغا ئايلاندى.

  كۈنەس ناھىيەلىك شىنخۇا كىتابخانىسى ناھىيەدىكى نەچچە ئەۋلاد ھەر مىللەت رەھبەرلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ۋە كىتابخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىپ، ھەر دەرىجلىك ئورۇنلارنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى، بۇ كىتابخانا ناھىيە دەرىجىلىك ‹‹ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشتىكى نۇقتىلىق ئورۇن››، كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹تىنچ –ئامان ئورۇن››، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹مەدەنىي ئورۇن››، كۈنەس ناھىيەلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ‹‹بىدئەتچىلىكتىن خالىي ئورۇن››، ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون بويىچە مۇلازىمەتتىكى ‹‹ئۈلگىلىك ئورۇن›› دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 

ھەر مىللەت ئاممىسى كىتاب سېتىۋالماقتا

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!