ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئەسكەرلىرى لادىننىڭ دېڭىزغا دەپنە قىلىنغاندىكى جەريانلارنى ئاشكارىلىدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
      ‹‹ كارل . ۋىنسېن ›› ناملىق ئاۋىياماتكا ئەرەپ دېڭىزىدا

    ‹‹ بازا ›› تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادىن ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن , تېز سۈرئەتتە دېڭىزغا دەپنە قىلىندى . لادىننى دەپنە قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ‹‹ كارل . ۋىنسېن ›› ناملىق ئاۋىياماتكا جۇڭگو شياڭگاڭدا 22-مايغىچە تۆت كۈن تۇردى ، ئۆز كۆزى بىلەن لادىننىڭ دەپنە قىلىنغانلىقىنى كۆرگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئۆزىنى بېسىۋالالمىغان ھالدا مۇخبىرغا لادىننىڭ دەپنە قىلىنىش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى .

    ئەسكەرلەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : لادىننىڭ جەسىتى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كېپەنلەنگەندىن كېيىن ، بىر ئەسكەر ئايەت ئوقۇپ ، ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى ، ئاندىن كېيىن جەسەت ناھايىتى ئېغىر نەرسە سېلىنغان خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىنىپ ، بىر تۈز تاختاي ئۈستىگە قويۇلۇپ ، تاختاي ئاستا دېڭىزغا قىيسايتىلدى ،  شۇنىڭ بىلەن لادىننىڭ جەسىتى سېيرىلىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى . دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا تەخمىنەن 45 مىنۇت ۋاقىت كەتتى ، پۈتۈن جەرياننى ئامېرىكا ئارمىيەسى تېلېكامىراغا ئېلىۋالدى . لادىننىڭ دېڭىز دەپنە مۇراسىمىغا سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدىن نازارەتچىلىك قىلىپ ، جەسىتىنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!