خالىدە ئوبۇل خەۋىرى : ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى ‹‹قىزىلتاغ تورى››26– ماي چۈشتىن بۇرۇن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
ئۇقۇشىمچە، ‹‹قىزىلتاغ›› تور بېكىتى ئاممىغا مەمۇرىي ئىشلاردىن مەسلىھەت بېرىش، خەلققە خىزمەت قىلىش سۇپىسى ھازىرلاش مەقسىتىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئاممىنىڭ توردا سورىغان سوئاللىرىغا مەسلىھەت بېرىش، تور ئارقىلىق توغرا جامائەت پىكرى شەكىللەندۈرۈش، پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشتىكى ياخشى سەھنە ھېسابلىنىدىكەن. ‹‹قىزىلتاغ تورى›› يەنە تورداشلار ۋە ئاممىنى مەسىلە ئىنكاس قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش يوللىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرگە بىر – بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇپ، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش نەتىجىسىنى يەتتە خىزمەت كۈنىدە ئاشكارىلايدىكەن.