شىنخۇا تورى ، شاڭخەي 31–ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون 31–ئۆكتەبىر جۇڭگو 2010–يىللىق شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئۇچرىشىش مۇنبىرىدە تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى : شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى دۇنياغا ئۈمىد ئېلىپ كېلىپ ، كىشلەرنىڭ شەھەرلىشىش دەۋرىدە كۈندىن كۈنگە مەيدانغا چىقىۋاتقان يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى .
بان كىمون مۇنۇلارنى بىلدۈردى : شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى قۇرۇلۇش جەھەتتىكى ئىجادىي لايىھەلىنىشچانلىقى ، تەبىئىي بايلىقنىڭ يېڭىچە ئىشلىتىلىشى ھەمدە ئاممىۋى يول قاتناش سىستېمىسىنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىقلارنى نامايان قىلدى .
ئۇ يەنە ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى يەر شارىدىكى چەكلىك تەبىئىي بايلىقتىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى تىرىشىپ ئېچىپ ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ ، سىجىل تەرەققىيات شەكلىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىپ ، بۇنى ئىشلەپچىقىرىش ، ئىستېمال ھەمدە سودىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىغا سىڭدۈرۈش ھەمدە سىياسەت بېكىتىش ، كارخانىلارنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھەر قايسى قاتلاملاردا ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشقا دەۋەت قىلدى .
بان كىمون يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدىكى كۆرۈنەرلىك بولغان تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئالاھىدە ماختىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ ، يەر شارىنىڭ كۆپ خىل ، رەڭگارەڭ قىياپىتى ، قۇرۇلۇش لايىھەلەشتىكى ئۆزگىچىلىكى ھەمدە قويۇق ساياھەتچىلىك كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ چوڭ بىرىكىشىشىنى نامايەن قىلدى ھەمدە بۇ كاتتا زىياپەتنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ ، دۇنيانى شادلىققا چۆمدۈردى . ‹‹ يەرمەنكە ئارقىلىق ، جۇڭگو خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مۇھىم خەلقئارالىق كاتتا مەرىكىنى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ›› .