سادىر ئىراندىكى سەرگەردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 5-يانىۋار يۇرتى ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن.
ئۇ قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىمى بولۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان.
قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاسىتدا، نەچچە يۈز قوللىغۇچىسى سادىرنىڭ ئائىلىسى ئەتراپىدا ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالغان.
سادىرنىڭ باغداتتىكى ئادىمى ئۇنىڭ نەجەفكە قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
سادىر 2008-يىلى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن ئىرانغا كەتكەن ئىدى. ئىراننىڭ مۇقەددەس شەھىرى قۇمدا دىننىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان.
مەنبە: ئەل-جەزىرە تورى (نەپرەت)
BBC ۋە CNN تورىنىڭ 5-يانىۋاردىكى خەۋىرىنىڭ MP3 ھۆججىتى