يېقىندا تەخمىنە 200 تاجىك ئوقۇغۇچى مىسىردىن قايتىپ كەلدى
تاجىكىستان ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىسىنى قايتۇرۇپ كەلگەن، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ چەتئەللەرد ئىسلام مەكتەپلىرىدە رادىكالىزمنى ئۆگىنىشىدىن ئەنسىرىگەن.
نۇرغۇن تاجىك ياشلىرى مىسىر، ئىران، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى دىننىي ئورگانلارغا قوبۇل قىلىنغان ئىدى.
ھازىر، تاجىكىستان پىرىزدېنتى ئىمام ئەلى راخمان ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلگەن، ئۇلارنى ئىسلام رادىكالچىلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ قالىدۇ دېگەن.
1992-يىلى، تاجىكىستان موسكىۋانىڭ قوللىشىدىكى ھۆكۈمەت بىلەن ئىسلام رەھبەرلىكىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن 5 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش قىلغان ئىدى.
تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادى تاكى ھېلىغىچە ئەسلىگە كەلمىدى، يېقىنقى يىللاردا ئىسلام تاجىكىستاندا گۈللىنىشكە باشلىدى.
رادىكالىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان CD ۋە DVD پىلاستىنكىلىرى بازاردا سېتىلىدۇ ھەمدە پەرىجە دېگەندەك كىيىملەر تاجىك ئاياللىرىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان.
بۇ نۇقتىنى ئويلاشقان تاجىكىستان ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئىسلام مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان تاجىك ياشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان.