جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاۋغۇست خەۋىرى: سېنگاپور بىرلەشمە سەھەر گېزىتىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېيتنام كەلگۈسى 6 يىلدا بىر تارماق سۇ ئاستى پاراخوتى ئېسكادرونى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. بىراق ۋېيتنام دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇڭ چۇاڭ ساننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئېسكادروننى پەقەت دۆلەت مۇداپىئەسىدە ئىشلىتىدىغان بولۇپ، مەزكۇر رايونغا تەھدىت پەيدا قىلمايدىكەن.
روسىيە ئاخباراتلىرى 2009-يىلى 12-ئايدا خەۋەر قىلىپ، ۋېينتام 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا 6 دانە دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى، ئەمما خانوي تەرەپنىڭ ئىزچىل ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى ئېيتقان.
8-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋېيتنام ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتى Tuoi Tre گېزىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فۇڭ چۇاڭ ساننىڭ :«بۇنىڭدىن كېيىنكى 5-6 يىلدا، بىز 6 دانە Kilo-636 دەرىجىسىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتىنى سېتىۋالىمىز» دېگەن سۆزىنى نەقىل .
ئەمما ئۇ ۋېيتنامنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالىدىغان راسخوتنى قانداق تۆلەيدىغانلىقىنى كونكرېت چۈشەندۈرمىگەن، پەقەت:«بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىقتىدارىغا باغلىق. ۋېيتنام تېخى زامانىۋىلاشقان قورال ۋە ئەسلىھەلەرنى ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ، بۇ خىلدىكى قوراللارنى ئىمپورت قىلىش ناھايىتى قىممەت» دېگەن.
ۋېيتنام سۇ ئاستى پاراخوتى ئېسكادرونى قۇرىدىغانلىقىنى ئائىت خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تەھلىلچىلەر ۋېيتنامنىڭ دېڭىزدىكى قارشىلىشىش كۈچىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ۋېيتنام بۇ ھەپتە يەنە بىرىنچى يېڭى دېڭىز چارلاش ئايروپىلانىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ۋېيتنام دېڭىز قىرغىقى قوغداش قىسىمى ئىسپانىيە مادرىد Airbus ھەربىي ئايروپىلان شېركىتىدىن جەمئىي 3 دانە دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى زاكاس قىلغان.
ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ دېيىشىچە، يۇقىرى پۇل پاخاللىقى، غايەت زور سودا ۋە مالىيە قىزىل رەقىمى، تۆۋەن ئۈنۈملۈك دۆلەت خىراجىتى ۋە ھەر خىل نۇقسانلار ۋېيتنام ئىقتىسادىنى داۋالغۇتۇپ قويغان.