ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى خاماسنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى تۇتۇۋالدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەلەستىن بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ 10-ئىيۇن جۈمە كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شىمالىي رايونىدا خاماسنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلد
  


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەلەستىن بىخەتەرلىك ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ 10-ئىيۇن جۈمە كۈنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى شىمالىي رايونىدا خاماسنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى تۇتۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ۋاسفى قەبھا 2006-يىلى خاماس ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش مىنىستىرى بولغان، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى قەبھانى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى جېنىن شەھىرىدىكى ئۆيىدە قولغا ئالغان.
ئىسرائىلىيە 2007-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە «مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش» تەدبىرى قوللانغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى جېنىندا بىر ئادەمنى قولغا ئالغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن، ئەمما تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچە بەرمىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى 10-ئايدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا خاماس تەشكىلاتىنىڭ ئاز دېگەندە 11 خادىمىنى قولغا ئالغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!