ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى كازافىنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: admin
27-ئىيۇن ، لىۋىيە مىسۇراتادا مىڭلىغان ئۆكتىچىلەر كوچىلارغا چىقىپ ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ كازافىنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىمزالىغانلىقىنى تەبرىكلەشتى      شىنخۇا تورى ھاگۇئې 27-ئىيۇن تېلېگراممىسى : 27-ئىيۇن ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىس
  

 

27-ئىيۇن ، لىۋىيە مىسۇراتادا مىڭلىغان ئۆكتىچىلەر كوچىلارغا چىقىپ ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ كازافىنى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىمزالىغانلىقىنى تەبرىكلەشتى 

    شىنخۇا تورى ھاگۇئې 27-ئىيۇن تېلېگراممىسى : 27-ئىيۇن ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى لىۋىيە رەھبىرى كازافىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دېگەن گۇمان بىلەن چىقىرىلغان تۇتۇش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى .

   خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 27-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئاخبارات باياناتىدا ئېيتىلىشىچە ، بۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ تەييارلىق تارماق سوتى شۇ كۈنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى دېگەن گۇمان بىلەن لىۋىيە زۇڭتۇڭى كازافى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھەمدە لىۋىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇللا سەينۇسقا چىقىرىلغان خەلقئارا تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىمزالىغان .

   لىۋىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ھالىد قايىم  ئىلگىرى مۇنداق دېگەن : لىۋىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىن كەلگەن ھەر قانداق سوتلاشنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!