ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

تۆمۈر يول ساقچى تارماقلىرى پويىز خادىمىنىڭ ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ27-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

多人称目击K256次列车工作人员打死乘客

    يېقىندا ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 25-سېنتەبىر كەچتە شېنجىندىن خېفېيگە ماڭغان K256 قېتىملىق پويىز نەنچاڭ بېكىتىدىن ئۆتكەندە ، 15-ۋاگوندا پويىز خادىمىنىڭ ئادەم ئۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، ئۆلگۈچى خىزمىتىنى تۈگىتىپ شۇ پويىزدا ئۆيىگە قايتىۋاتقان پويىز خىزمەتچىسى بولۇپ ، ئورۇن مەسىلىسى ئۈستىدە پويىزنىڭ نۆۋەتچى خادىمى بىلەن تاكاللىشىپ قالغان ۋە ئۆزئارا مۇشتلىشىپ كەتكەن .

多人称目击K256次列车工作人员打死乘客

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە ، 25-سېنتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 20:45 دە شېنجىندىن خېفېيگە قاراپ ماڭغان K256 قېتىملىق پويىز لۇڭنەن بېكىتىدە توختىغاندىن كېيىن ، خىزمىتىنى تۈگىتىپ شۇ پويىز بىلەن ئۆيىگە قايتقان بىر پويىز خىزمەتچىسى ئورۇن مەسىلىسى تۈپەيلى نۆۋەتچى پويىز خادىمى بىلەن تاكاللىشىپ ، ئارقىدىن مۇشتلىشىپ كېتىپ يارىلانغان ، كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، تۆمۈريول ساقچى تارمىقى بۇ ۋەقە ئۈستىدە دەرھال تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇپ، شاڭخەي ، نەنچاڭ تۆمۈريول ئىدارىلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ھەمدە ئۆلۈمنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلغان .

    نۇرغۇن ئادەم K256 قېتىملىق پويىز خادىمىنىڭ ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئىسپاتلىغان 20 ئادەم بارماق بېسىپ گۇۋاھلىق بەرگەن

    ئىگىلىنىشىچە ، بىر يولۇچى ، پويىز خادىمى بىلەن تاكاللىشپ قالغاندىن كېيىن يەنە بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ئارىغا چۈشۈپ ئۇلارنى ئاجىراتماقچى بولغاندا ئۈچ نەپەر پويىز خادىمى تەرىپىدىن دۇمبالانغان ، ئۇرىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى پويىز باشلىقىنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان ئىكەن . جياڭشى گەنجۇ شەھەرلىك جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە ، 120 قۇتقۇزۇش خادىمى يېتىپ كەلگەندە ئۇ كىشى جان ئۈزۈپ بولغان .

    شۇ ۋاگوندىكى يولۇچىلار بىر پارچە يازما ماتېرىيال تەييارلىغان بولۇپ ، ئۈستىگە 20 يولۇچى ئىمزاسى ۋە بارماق ئىزىنى بېسىپ گۇۋاھلىق بەرگەن . يولۇچى لەي خانىم مۇنداق دېگەن : گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ۋاگوندىكى شاھىتلار . ۋەقە تەخمىنەن يېرىم كېچە سائەت 12 دىن 5 مىنۇتلار ئۆتكەندە يۈز بەرگەن ، شۇ ۋاقىتتا پويىز گەنجۇ بېكىتىدە توختىغان ئىدى ، مەن ئولتۇرغان 15-ۋاگوندا مېنىڭ قېشىمدىكى بىر يولۇچى بىلەن پويىز خادىمى تاكاللىشىپ قالدى ، ئاجراتقىلى بارغان ئەرنى ئۇلار دۇمبالاپ كەتتى . 14-ۋاگوندىن بىرسى ئېتىلىپ كېلىپلا ئۇ (ئاجىراتقۇچى) نىڭ كانىيىنى سىقىپ ۋاگوننىڭ بىرتەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگىچە سۆرەپ ئۇردى ، چېكىسىگە بىر مۇش سالدى . شۇ چاغدا جەمئىي ئۈچ ئادەم ئۇ كىشىنى ئۇردى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى پويىز باشلىقىنىڭ فورمىسىنى كىيىۋالغان ، بىرى كۆك رەڭلىك فورما كېيىۋالغان، يەنە بىرى بولسا پويىزدىكى ئىچىملىك ساتقۇچى .

多人称目击K256次列车工作人员打死乘客

شاھىت بولغان ئىشلارنى سۆزلىمەكتە 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!