مۇخبىرىمىز لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 25 – ماي كەچ بېيجىڭ شەھەرلىك ‹‹مېيجياڭ›› ئوقۇش ياردەم فوندى جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋاڭ شياۋمېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹مېيجياڭ›› ئوقۇش ياردەم فوندى جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پائالىيىتى خەيرلىك ئىش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى كونكرېت تەدبىر، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىك. فوندى جەمئىيەت بەرپا قىلغان ‹‹قېرىنداشلارچە نىشانلىق ياردەم بېرىش›› ئەندىزىسى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى بىلەن فوندى جەمئىيەتتىكى مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى، ئۆزئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈردى، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى. جاڭ چۈنشيەن ‹‹مېيجياڭ›› ئوقۇش ياردەم فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا داۋاملىق غەمخورلۇق قىلىشى، كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭمۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋاڭ شياۋمېي فوندى جەمئىيەتنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە بىر ‹‹قوش تىل››لىق مەكتەپ سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى ئەتراپلىق، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىپ، شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، جىن نو كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.