شىمالىي كورىيە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قىسىمى غەربىي دېڭىزدىكى5 ئارالنى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئىگەللەش مانىۋېرى قىلدى
ئامېرىكا ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 30-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قىسىمى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ، غەربىي دېڭىزدىكى 5 ئارالنى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئىگەللەش مانىۋېرى قىلغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى جۇڭگودىكى ئۇچۇر يوللىرىدىن نەقىل قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شىمالىي كورىيە خەلق ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى 29-دېڭىز مەرگەنلەر بېرگادىسى ۋە خەلق قوراللىق كۈچلەر رازۋېتكا باش ئىدارىسى نامپو يېقىن دېڭىز ئاراللىرىدا قۇرۇقلۇققا چىقىش مانىۋېرى قىلغان.
شىمالىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ 29-دېڭىز مەرگەنلەر بېرگادىسى بولسا شىمالىي كورىيەنىڭ ئەڭ سەرخىل ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قىسىمى، خەلق قوراللىق كۈچلىرى رەھبەرلىك قىلغان جەڭگىۋارلىق مۇسابىقىسىدە ھەر قېتىم بىرىنچىلىك ياكى ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ بېرگادا قىش پەسلىدە تولۇق قوراللانغاندىن كېيىن دېڭىز سۈيىدە 40 مىنۇت سۇ ئۈزۈش رېكوتىنى ياراتقان.
مەزكۇر ئۇچۇر يولىنىڭ دېيىشىچە، جەنۇبىي كورىيە شىمالىي كورىيەنىڭ يېئون پيوڭ ئارىلىنى توپقا تۇتقانلىقىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى دارۋاڭ قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىمالىي كورىيە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش قىسىمى غەربىي دېڭىزدىكى 5 ئارالغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش مانىۋېرى قىلىپ، ھەيۋە كۆرسىتىش جەھەتتە جەنۇبىي كورىيەدىن ئۈستۈن تۇرۇش مەقسىتىدە بولغان. بۇ ئۇچۇرلارنى ئۇ يېقىندا پيوڭياڭنى زىيارەت قىلغاندا شىمالىي كورىيە ئارمىيىسىدىكى ئالاقىدار زاتلاردىن ئاڭلىغان.
ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى باشقا ئۇچۇر يوللىرىدىن كەلگەن خەۋەرلەرنى نەقىل قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 12-ئاينىڭ بېشىدا قىش پەسىللىك مانىۋېرنى باشلىغان. غەربىي دېڭىز فلوتى قوماندانلىق شىتابى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، 29-دېڭىز مەرگەنلەر بېرگادىسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ۋە 4-ئارمىيەنىڭ مۇداپىئەلىنىش مانىۋېرىنى باشلايدىكەن.