ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

روسىيە ساقچى تەرەپ تۇيۇقسىز جۇڭگولۇقلار ياتاق رايونىنى تەكشۈردى

2010-يىلى12-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:www.nur.cn يوللىغۇچى: ئايگۇل
يەرشارىنى ئايلىنىش تورى مۇخبىرىنىڭ 12 - ئاينىڭ1- كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە فدراتسىيە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى موسكۋا ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە بېرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، كىچىدە تۇيۇقسىز جۇڭگو كۆچمەنلىرى ئولتۇرغان ياتاق رايونىنى تەكشۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنا
  

 

يەرشارىنى ئايلىنىش تورى مۇخبىرىنىڭ 12 - ئاينىڭ1- كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە فدراتسىيە كۆچمەنلەرنى
باشقۇرۇش ئىدارىسى موسكۋا ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە بېرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، كىچىدە تۇيۇقسىز جۇڭگو كۆچمەنلىرى ئولتۇرغان ياتاق رايونىنى تەكشۈرۈپ مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىلىرى كام بولغان 50 تىن ئارتۇق جۇڭگو كۆچمەنلىرىنى تۇتتى،روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ بەس - بەستە خەۋەر قىلدى، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تارقىتىۋەتتى . بۇ توردا ئىنتايىن كەسكىن ئىنكاس پەيدا قىلدى، نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىشنى ئەيىپلىدى، ھەمدە « باشقىلارنىڭ روسىيە ساقچىلىرىغا نىسبەتەن ياخشى قارىماسلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن » دېيىشتى.مۇخبىر جۇڭگونىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق  ئەلچىخانىسىنى زىيارەت قىلغاندا ، ئەلچىخانا تەرەپ نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك
ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!