
شىنخۇا تورى شاڭخەي 21-فېۋرال تېلېگراممىسى : 21-فېۋرال مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك دېڭىز - ئوكيان ئىدارىسى شەرقىي دېڭىز شۆبە ئىدارىسى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكياننى نازارەت قىلىش شەرقىي دېڭىز باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، 19-فېۋرال كەچ، ‹‹ جۇڭگو دېڭىز-ئوكياننى نازارەت قىلىش ›› پاراخوت ئەترىتى شەرقىي دېڭىزدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە دېڭىز ئۈستى قوغدىنىش ۋازارىتىنىڭ ‹‹ ئوچۇق دېڭىز ›› ۋە ‹‹ كەڭ دېڭىز ›› ناملىق ئىككى پاراخوتىنى بايقاپ، قوغلاپ چىقارغان. بۇ ‹‹ جۇڭگو دېڭىز-ئوكياننى نازارەت قىلىش ›› باش ئەترىتىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز رايونىدا ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندىن بۇيان، شەرقىي دېڭىزدا يەنە بىر قېتىم ياپونىيەنىڭ قانۇنسىز مەشغۇلات ئېلىپ بارغان پاراخوتىنى قوغلاپ چىقىرىشى ئىكەن.
دۆلەتلىك دېڭىز - ئوكيان ئىدارىسى شەرقىي دېڭىز تارماق ئىدارىسى، جۇڭگو دېڭىز-ئوكياننى نازارەت قىلىش باش ئەترىتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز رايونىدا ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جۇڭگو دېڭىزنى نازارەت قىلىش قوشۇنىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، شۇنداقلا جۇڭگو دېڭىزنى نازارەت قىلىش باش ئەترىتى ئۈستىگە ئالغان بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو دېڭىزنى نازارەت قىلىش باش ئەترىتى يەنە داۋاملىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش بويىچە قانۇننى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز رايونىدا ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغدايدىكەن.
