خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ۋە ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىگە تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى
يىغىندا ۋېن جياباۋ سۆز قىلدى، لى چاڭچۈن يىغىنغا قاتناشتى، لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى
خۇ جىنتاۋ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات بەردى
ۋېن جياباۋ يىغىندا سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – فېۋرال تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 14 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنىنى داغدۇغىلىق ئاچتى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ، لى چاڭچۈن، لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى.
خەلق سارىيى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى 2011 – يىللىق دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەر بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئالدى بىلەن 2011 – يىلى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شيې جيالۇ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلۇش ۋە شەھەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋۇ لياڭيۇڭغا تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ تەبرىكلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن – تېخنىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ سۆزىدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن 2011 – يىللىق دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، مەملىكەتتىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان چەت ئەللىك پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارالىق پۇل – مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ يېڭى پەن – تېخنىكا ئىسلاھاتىغا ئېلىپ كەلگەن پۇرسىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ، پەن – تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكا كۈچى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. كارخانىلارنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سوبيىكتىغا ئايلاندۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىقات – كەشپىيات مەركىزى قۇرۇپ ۋە تولۇقلاپ، دۆلەت ۋە رايوننىڭ چوڭ – چوڭ تەتقىقات تۈرلىرىنى زىممىسىگە ئېلىپ، كەسىپلەر ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىگىلىك يارىتىشىغا تۈزۈم جەھەتتىن تېخىمۇ كەڭ سەھنە ۋە بوشلۇق ھازىرلاپ، ئۇلارنى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن چىقىپ ئىگىلىك تىكلەشكە، بولۇپمۇ پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانا قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەن – تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە زورىيىشىنى پەن – تېخنىكا نەتىجىسى، يېڭى مەھسۇلاتلار، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە قىلىش كېرەك. پەن – تېخنىكا روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلمىي تەتقىقات سەمىمىيىتىنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئەركىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەممە ئېقىم بەس – بەستە سايرايدىغان، دېموكراتىك، ئېچىۋېتىلگەن ئىلمىي كەيپىيات يارىتىپ، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ھەقىقەتنى دادىللىق بىلەن قوغلىشىپ، ئىلمىي ئىزدىنىشكە چىن ئىشتىياق باغلاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىلمىي شان – شۆھرەتنى قەدىرلەشكە يېتەكلەش كېرەك.
2011 – يىللىق دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىدا جەمئىي 373 تۈر ۋە ئون پەن – تېخنىكا مۇتەخەسسىسى تەقدىرلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى كىشى دۆلەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەن – تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ دۆلەت پەن – تېخنىكا مۇكاپاتى بېرىلىدىغان تۈر 36 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 – دەرىجىلىك مۇكاپات بوش قالدى، 36 تۈر 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ دۆلەت پەن – تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى بېرىلىدىغان تۈر 55 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى تۈر 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 53 تۈر 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ دۆلەت پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە مۇكاپاتلانغان تۈر 283 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈر ئالاھىدە دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 20 تۈر 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 262 تۈر 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ سەككىز چەت ئەللىك ئالىمغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن – تېخنىكا ھەمكارلىق مۇكاپاتى بېرىلدى.
‹‹خەلق›› سارىيى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى . خۇ جىنتاۋ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى 2011–يىللىق دۆلەت پەن–تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى