ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدىغان كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىدۇ

2012-يىلى02-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
   گۇگۇڭ سارىيى     گۇگۇڭ سارىيى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قەدىمقى ئوردا قۇرۇلۇش توپى بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى. گۇگۇڭ سارىيى ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان، دۇنيادىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول مۇزېي بولغاچقا، گۇگۇ
  
 
 گۇگۇڭ سارىيى

    گۇگۇڭ سارىيى دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قەدىمقى ئوردا قۇرۇلۇش توپى بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى. گۇگۇڭ سارىيى ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان، دۇنيادىكى ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئەڭ مول مۇزېي بولغاچقا، گۇگۇڭ سارىيى ھەم دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ھەم دۇنياغا داڭلىق مۇزېي ھېسابلىنىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، 1949-يىلى، گۇگۇڭ سارىيىنى زىيارەت قىلغۇچىلار 1 مىليون( ئادەم /قېتىم) بولۇپ، 2002-يىلى 7 مىليون ئادەم (قېتىم) غا يەتكەن، 2011-يىلىغا بارغاندا بۇ سان 14 مىليون ئادەم (قېتىم) غا كۆپەيگەن. دېمەك، 10 يىل ئىچىدە گۇگۇڭ سارىيىنى زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپەيگەن. ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپەيگەنسېرى، گۇگۇڭ سارىيىغىمۇ ‹‹ ھاردۇق يەتكەن››.

   گۇگۇڭ سارىيى مۇزېيىنىڭ باشلىقى شەن جىشياڭنىڭ ئېيتىشىچە،  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغان كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەككەن. بۇنداق بولغاندا ساياھەتچىلەر ئېقىمى ئوڭۇشلۇق تەرتىپكە سېلىنىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. نۆۋەتتە، گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن كۆلىمى 329 مىڭ717 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي كۆلەمنىڭ  % 45.79 ىنى ئىگەللىگەن. نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەلگۈسىدە گۇگۇڭ سارىيىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى بىلەن ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدىغان رايون كۆلىمىنىڭ نىسبىتى 2 : 8 بويىچە %76 كە يەتكۈزۈلىدىكەن.

 گۇگۇڭ سارىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر
 
 گۇگۇڭ سارىيى
 
 
 گۇگۇڭ سارىيى
( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!