ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

خانىقاتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 91 نەپەر ئوقۇغۇچى دۆلەتنىڭ 76مىڭ 800 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى

2011-يىلى05-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى: 17-ماي، كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپى كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 20 نەپەر ئوقۇغۇچىغا جۇڭگو تەنتەربىيە لاتارىيەسى مەركىزىدىن نامرات، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن تۈر پۇلىدىن ھەر بىرىگە 1000 يۈەندىن 20 مىڭ يۈەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر 71 نەپەر ئوقۇغۇچىغا دۆلەتنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم بېرىش تۈر پۇلىدىن ھەر بىرەيلەنگە 800 يۈەندىن 56 مىڭ 800 يۈەن بولۇپ، جەمئىي 76مىڭ 800 يۈەن تارقىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نامرات، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى يەتكۈزدى.

   مۇراسىمغا، ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار، ئائىلە باشلىقلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ، 450تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!