ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بېنغازىنى زىيارەت قىلدى

2011-يىلى05-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    22 -ماي ، لىۋىيەنىڭ بېنغازى شەھىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ، قوشۇمچە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاستۇن ( سولدا ) بىلەن لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ، ‹‹ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت ›› نىڭ رەئىسى جەلىل بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى . ئىگىلىنىشىچە ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاستۇن شۇ كۈنى لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى بېنغازى شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان ھەمدە لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!